خىتاي تاشقى سودىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونىدا يۈك ماشىنىلىرى تىرانسپورت مەركىزى قۇرغان
2024.05.28
ئۇيغۇر رايونى نۆۋەتتە خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» سودىسىنىڭ مۇھىم قاتناش تۈگۈنىگە ئايلانغان بولۇپ، بۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر رايوننىڭ تۆمۈر يول، تاشيول ۋە ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشىغا غايەت زور مەبلەغ سېلىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم.
«باستىل پوچتىسى» (Bastille Post) گېزىتىنىڭ 27-ماي كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يۈك ماشىنىلىرى تىرانسپورت مەركىزى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى رەسمىي قۇرۇلغان. بۇ، خىتاينىڭ خەلقئارا تاشيول تىرانسپورت بىرلەشمىسى (IRU) نىڭ ئىجازىتىگە ئېرىشكەن تۇنجى يۈك توشۇش مەركىزى ھېسابلىنىدىكەن.
بۇ يۈك توشۇش مەركىزى قەشقەر ئەركىن سودا سىناق رايونىغا قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ مەركەز ئارقىلىق قەشقەردىن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىگە مال توشۇش مىقدارىنىڭ 30 پىرسەنت ئاشىدىغانلىقى، مال توشۇش تەننەرخىنىڭ 15 پىرسەنت تۆۋەنلەيدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.
خەلقئارا تاشيول تىرانسپورتى (IRT) خەلقئارا تاموژنا سىستېمىسى بولۇپ، يۈك توشۇغۇچىلار بىلەن يۈك ئۆتكۈزىدىغان دۆلەتلەر تاموژناسى ئوتتۇرىسىدىكى رەسمىيەتنى قىسقارتىپ، پۇل ۋە ۋاقىتنى تېجەش رولىنى ئوينايدىكەن. خىتاي خەلقئارا سودا يولىدىكى توسالغۇلارنى ئازايتىش ئۈچۈن، 2016-يىل 7-ئايدا «خەلقئارا تاشيول يۈك توشۇش كېلىشىمى» گە قول قويغانىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» رەسمىي يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى بىر يىل ئىچىدە قارا تىزىملىككە ئېلىنغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ سانى 24 كە يەتكەن؛ تۇتۇپ قېلىنغان مالنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 1 مىليارد 300 مىليون دوللاردىن ئاشقان. بۇنداق ئەھۋالدا خىتاي شىركەتلىرى تاشقى سودىسىنى ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا كېڭەيتىۋاتقان بولۇپ، قەشقەردە قۇرۇلغان تاشيول يۈك تىرانسپورت مەركىزى بۇنىڭ بىر مىسالى دەپ قارالماقتا.