خىتاي تالىبان باش ئەلچىسىنى قوبۇل قىلغان تۇنجى دۆلەت بولدى

خىتاي تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ باش ئەلچىسىنى رەسمىي قوبۇل قىلىپ، ئافغانىستاندا ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان ئىككى يىلدىن بۇيان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ رەسمىي ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشەلمىگەن تالىبانلارنىڭ بېيجىڭدا باش ئەلچى تۇرغۇزۇشىغا رۇخسەت قىلغان تۇنجى دۆلەت بولغان.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تالىبان ھۆكۈمىتى ‍ئۆتكەن ھەپتە بېيجىڭنىڭ تالىبان باش ئەلچىسىنى قوبۇل قىلىپ، كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە «مۇھىم بىر سەھىپە» ئاچقانلىقىنى ئېلان قىلغان. تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ بايانى بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تېخى دەلىللەنمىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ تالىبان باش ئەلچىسىنى قوبۇل قىلغان تۇنجى دۆلەت بولۇپ قالغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

بۇنىڭدىن 3 ئاي بۇرۇن خىتاي كابۇلغا باش ئەلچى تەيىنلىگەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى.

گەرچە خىتاي كابۇلغا باش ئەلچى تەيىنلىگەن، شۇنداقلا بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق تالىبان باش ئەلچىسىنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي ياكى باشقا ھەرقانداق بىر دۆلەت تالىبان ھاكىمىيىتىنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ئاشكارا ئېلان قىلىپ باقمىغان.

«ئامېرىكا ئاۋازى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، تالىبان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كۈتۈم (پروتوكول) بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خوڭ لېينىڭ تالىبان باش ئەلچىسى ئەسەدۇللا بىلال كەرىمىنىڭ باش ئەلچىلىك خېتىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېيتقان. باياناتتا تەكىتلىشىچە، خوڭ لېي كەرىمىنىڭ بېيجىڭغا كېلىشى، بېيجىڭ بىلەن كابۇلنىڭ «ئىجابىي مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ۋە كېڭەيتىش يولىدىكى مۇھىم قەدەم» دەپ كۆرسەتكەن.

تالىبان قوراللىق كۈچلىرى 2021-يىلى، ئافغانىستاندا 20 يىلدىن ئارتۇق ھۆكۈم سۈرگەن دېموكراتىك ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان ئىدى.