30-يانۋار كۈنى ئافغانىستاندىكى تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەسەدۇللا بىلال كەرىمى دۆلەت خېتىنى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا تاپشۇرغان.
ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «تېز پويىز» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شۇ كۈنى شى جىنپىڭ بېيجىڭدىكى «خەلق سارىيى» دا باش ئەلچى ئەسەدۇللا ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ئەلچىلىرىدىن 42 كىشىنى كۈتۈۋالغان. بۇنىڭ بىلەن خىتاي رەسمىي ھالدا تالىبان ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلغان تۇنجى چوڭ دۆلەت بولۇپ قالغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، «بىز ئافغانىستاننى خەلقئارا دىپلوماتىيە ساھەسىدىن چەتتە قالدۇرۇشنى دۇرۇس كۆرمەيمىز» دېگەن.
تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن رەسمىي دىپلوماتىك ئالاقە ئورنىتىشى مەلۇم بولغاندىن كېيىن، ھەرقايسى ساھەنىڭ زور دىققىتى قوزغالغان. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مەسيو مىللېر (Matthew Miller) بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، «بۇ خىل مۇناسىۋەتنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىشى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتى گەپ قىلسۇن. بىز بۇ ھەقتە كۆپلىگەن سەلبىي ئىنكاسلارنى كۆردۇق» دېگەن. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاۋ شىڭ 2023-يىلى سېنتەبىردە ئۆزىنىڭ باش ئەلچىلىك گۇۋاھنامىسىنى تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى مۇللاھ مۇھەممەد ھەسەن ئاخۇنغا تاپشۇرغان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادا تېخى ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشەلمەيۋاتقان، شۇنىڭدەك ئىزچىل تۈردە تېررورلۇققا باغلىنىپ كېلىۋاتقان تالىبان ھۆكۈمىتى بىلەن رەسمىي باش ئەلچى دەرىجىلىك دىپلوماتىك ئالاقە ئورنىتىشى، ھەرقايسى ساھە كىشىلىرى ئارىسىدا زور غۇلغۇلا قوزغىغان.