ئامېرىكالىق يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي قوماندان: «خىتاي ئامېرىكانىڭ ئورنىنى ئىگىلەش پىلانىنى تېزلىتىۋاتىدۇ»

ئامېرىكانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي قوماندانى «خىتاي دۇنيا سەھنىسىدە ئامېرىكانىڭ ئورنىنى ئىگىلەش پىلانىنى تېزلىتىۋاتىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇردى.

ئامېرىكانىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكياندىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارى ئادمىرال فىلىپ داۋىدسون ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قوراللىق قىسىملار كومىتېتىدا ئېچىلغان ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا خىتاي تەھدىتى ھەققىدە نوقتىلىق توختالغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەش پىلانىنى ۋە بىزنىڭ قانۇن ئاساسىدىكى خەلقئارا تەرتىپتىكى رەھبەرلىك رولىمىزنى تارتىۋېلىش پىلانىنى تېزلىتىۋاتقانلىقىدىن ئەنسىرەيمەن. ئۇلار ئۇزۇندىن بۇيان بۇنى 2050-يىلغىچە ئىشقا ئاشۇرۇدىغانلىقىنى دەپ كەلگەن، مەنچە، ئۇلار نىشانىغا ئىنتايىن تېز يېقىنلىشىۋاتىدۇ»

ئادمىرال فىلىپ داۋىدسون يەنە خىتاينىڭ كەلگۈسى 6 يىلدا تەيۋەننى بېسىۋېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان. ئۇ ئۇ سۆزىدە: «تەيۋەن ئېنىقكى ئۇلارنىڭ نىشانلىرىنىڭ بىرى. مەن بۇ تەھدىتنى ئالدىمىزدىكى ئون يىلدا ھەتتا كەلگۈسى ئالتە يىلدا ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ دەپ قارايمەن،» دېگەن.

ئۇ 9-مارت سەيشەنبە كۈنى ئېچىلغان ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا خىتاينى «21-ئەسىرنىڭ خەۋپسىزلىكىگە بولغان ئەڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىستراتېگىيىلىك تەھدىت» دەپ، «ئامېرىكا بېيجىڭ پەيدا قىلىۋاتقان تەھدىتلەرگە قارىتا دىققەتنى ئاشۇرۇشى، ئىلگىرىكى سەل قاراش پوزىتسىيەسىنى تەكرارلىماسلىقى كېرەك»، دېگەن.

داۋىدسون شۇ كۈنكى سۆزىدە يەنە خىتاي تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقان سىستېما ۋە ئىقتىدارلارنىڭ ئۇنىڭ تاجاۋۇزچىلىق خاراكتېرىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى، خىتاي ئۆزىنى ئەۋەل ئورۇندا دەپ قارىغان ھامان ئۇنى چوقۇم قوللىنىشقا ئۇرۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇنىڭغا مىسال كۆرسەتكەندە خىتاينىڭ خوڭكوڭدا، ئۇيغۇر ئېلىدا قىلىۋاتقانلىرىنى ۋە ھىندىستان بىلەن بولغان چىگرا توقۇنۇشىدىكى پوزىتسىيەلىرىنى مىسالغا ئېلىپ، «بۇندىن كېيىن ئوخشاش ئىشلار گۇئام ۋە تەيۋەندە يۈز بېرىشى مۇمكىن،» دېگەن.