ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ خىتاي ھەققىدە ئېيتقانلىرى توردىن ئۆچۈرىۋېتىلگەن

ئامېرىكانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نىكۇلاس بۇرنىس (Nicholas Burns) 6-ئىيۇل كۈنى تۋىتتېر يوللاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى چەكلەش قىلمىشى ئۈستىدىن شىكايەت قىلغان.

ئۇ تۋىتتېرغا يوللىغان ئۇچۇرىدا مۇنداق دېگەن: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيەتى نازارەت ئورۇنلىرى مېنىڭ ئۈندىدار )ۋىچات) غا يوللىغان ئۇچۇرۇمنى، يەنى ئاقساراي بىلەن ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ خوڭكوڭ ۋە ناتو باشلىقلار يىغىنى ھەققىدە يوللىغان يازمامنى ئۆچۈرىۋېتىپتۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيەتى ئۆز پۇقرالىرىنىڭ ئامېرىكا رەھبەرلىرىنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى بىلىشكە يول قويۇشى كېرەك، ئامېرىكا خەلقىمۇ جۇڭگو رەھبەرلىرىنىڭ قىلغان سۆزلىرىنى ئاڭلىيالايدۇ».

نىكۇلاس بۇرنىس بۇنىڭغا پاكىت سۈپىتىدە قىستۇرغان رەسىملەرگە قارىغاندا، خىتاي تور نازارەت تارماقلىرى ئاقساراينىڭ ۋە ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنسىتىرى ئانتونى بىلىنكىننىڭ خىتاينىڭ خوڭكوڭنى قايتۇرۇۋالغانلىقىنىڭ 25 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن سۆزلىگەن سۆزىنى ئۆچۈرۈۋەتكەن؛ ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكانىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى خىتاينىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى بولغان ۋېيبودا ئېلان قىلغان «2022-يىللىق ناتو دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى ئۇچرىشىشى» ھەققىدە بەرگەن باياناتلىرىنى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزگەن.

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەردىن مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي تىك-توك قاتارلىق ئەپلەردىن شەخسىي ئۇچۇر ئوغرىلىغان بىلەن، ئۆز پۇقرالىرىنىڭمۇ ئۇچۇرلىرى ئوغرىلانغان. بۇنىڭدىن ساراسىمىگە چۈشكەن خىتاي چەت ئەلدىن، بولۇپمۇ ئامېرىكادىن كېلىدىغان ھەر قانداق شەپىگە ئالاھىدە سەزگۈر بولۇپ كەتكەن؛ ئۆزىنىڭ تەشۋىقاتلىرىنى ئامېرىكادەك دۆلەتلەرگە كەڭ تارقىتىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي ھەققىدە بېرىلگەن باھا ۋە تەنقىدلەرنى ئۆز پۇقرالىرىنىڭ بىلىپ قېلىشىغا يول قويماي كەلگەن.