«سىياسىيون» تور گېزىتى: «ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى دۇنياغا خىتاي توغرىلىق بىر ئاگاھلاندۇرۇش بولۇشى كېرەك»

ھىندىستاندا چىقىدىغان «سىياسىيون» (The Statesman) خەۋەر تورى 8-ئىيۇل بەرگەن خەۋىرىدە خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللارنى تالىشىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلەپ، «خىتاينىڭ دوستلىرىدىن دۈشمىنى كۆپ» دېگەن.

خەۋەردە خىتاينىڭ ۋىيېتنام، فىلىپپىن، مالايسىيا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭمۇ ئىگىلىك ھوقۇقىغا تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، «يەر شارىدىكى قېرىنداشلىقنىڭ خىتايغا قارشى ئويغىنىدىغان ۋاقتى كەلدى،» دېيىلگەن.

خەۋەردە يەنە خىتاينىڭ ب د ت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بېسىمغا قارىماستىن ئۇيغۇر دىيارىدا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى كېڭەيتكەنلىكى ۋە چېكىدىن ئاشقان زۇلۇم سىياسەتلىرىنى قوللىنىپ، رايوندا كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر دەرىجىدە دەخلى-تەرۇز قىلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن. خەۋەردە تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنزنىڭ دوكلاتى تىلغا ئېلىنىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇمىنىڭ چەكتىن ئاشقانلىقى، بۇ زۇلۇمنىڭ پۈتۈن دۇنياغا خىتاي توغرىلىق جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش بولۇشى كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.