خىتاي تەشۋىقاتچىلىرى «شاڭخەيلىك گۇلى» ناملىق كىنو ئىشلەپ تارقاتقان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2025.01.15

«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 15-يانۋار چىقارغان خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي رېژىسسورى ۋاڭ لۇشا ئىشلىگەن «شاڭخەيلىك گۇلى» ناملىق فىلىم 14-يانۋار كۈنى خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى كىنو قانىلى تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم قويۇلغان. خەۋەردە يەنە، بۇ فىلىمنىڭ «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، يېڭى دەۋر شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ 15 يىللىقى، قەشقەر ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى قۇرۇلغانلىقىنى 15 يىللىقىغا قىلىنغان سوۋغات ئىكەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

بۇ 2019-يىلى خىتاي رېژىسسورى فاڭ جۈنلياڭ ئىشلەپ تارقاتقان «قەشقەرلىك گۇلى» ناملىق فىلىمدىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان يەنە بىر تەشۋىقات فىلىمى بولۇپ، ھەر ئىككى فىلىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭ ھېكايىسىنى سۆزلەش» چاقىرىقىغا ماسلاشقان. ئوخشىمايدىغان يېرى، «قەشقەرلىك گۇلى» فىلىمدە، شېنجېنلىق ئوقۇتقۇچى لياڭ پېڭ بىلەن بۇ شەھەرگە قەشقەردىن كەلگەن «شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى» مەسئۇلى يۈەن شۆنىڭ مۇھەببەت ھېكايىسى بايان قىلىنغان بولسا؛ «شاڭخەيلىك گۇلى» فىلىمىدا يەركەن ناھىيەسىدىن كەلگەن ناۋاي شاھى ۋارىسى ئادىلجاننىڭ ئاتا مىراس كەسپىگە ۋارىسلىق قىلىشتىن ۋاز كېچىپ، مۇزىكانت بولۇش غايىسىدە شاڭخەيدە سەرسان بولۇپ يۈرگەنلىكى ۋە بۇ شەھەردە ئۆز ۋاقتىدا «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» كە بارغان خىتاي كادىرنىڭ ئەۋلادى بولغان شېن چيەنچيەن بىلەن تونۇشۇپ مۇھەببەتلەشكەنلىكى بايان قىلىنغان. ئالدىنقى فىلىمدا ئىككى ماكاندا ياشاۋاتقان خىتاي ياشلىرىنىڭ ھېكايىسى سۆزلەنگەن بولسا؛ كېيىنكى فىلىمدا ئۇيغۇر يىگىت بىلەن خىتاي قىزنىڭ مۇھەببەت ھېكايىسى سۆزلەنگەن. بۇنىڭدىن خىتاي تەشۋىقاتچىلىرىنىڭ ھەر قايسى مىللەتلەرنى ماكان ۋە مىللەت چەكلىمىسىدىن ھالقىپ، بىر خىتاي ئائىلىسىدە بىرلىشىشكە تەشەببۇس قىلىۋاتقانلىقى نامايان بولماقتا.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى كىنو قانىلى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى لىن لىنىڭ «شاڭخەيلىك گۇلى» ناملىق فىلىمدا كىنو ئارقىلىق «شىنجاڭ ھېكايىسى» نىڭ سۆزلەنگەنلىكىنى، «قەشقەرلىك گۇلى» فىلىمىدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم «شىنجاڭ تائاملىرى، شىنجاڭ مەنزىرىسى، شىنجاڭ گۈزەللىرى» نىڭ نامايان بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«قەشقەرلىك گۇلى» فىلىمىنىڭ كۆپ قىسىم كۆرۈنۈشلىرىدە قەشقەرنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى ئەكس ئەتكەن بولۇپ، قەشقەر ساياھەتچىلىكى تەشۋىق قىلىنغان؛ «شاڭخەيلىك گۇلى» فىلىمىدا، ئۇزۇن يىل يۇرتىغا قايتمىغان ئادىلجاننىڭ 10 نەچچە يىلدىن قايتقىنىدا «شىنجاڭدا قالتىس تەرەققىيات» بولغانلىقىدىن ھاياجانلانغانلىقى ئىپادىلەنگەن بولۇپ، خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىكى «شىنجاڭ تەشۋىقاتى» غا ماسلاشقانلىقى كۆرۈلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.