خىتاينىڭ روسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ۋە ئاتالمىش «شىنجاڭ-چەت ئەل دوستلۇق جەمئىيىتى» بىرلىكتە بىر سىنلىق يىغىن ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىن بېرىپ روسىيەدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى سىن كۆرۈنۈشى ئارقىلىق ئاتا-ئانىلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرگەن.
«خىتاي خەۋەرلەر تورى» دىن مەلۇم بولۇشىچە، يىغىنغا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جارۇللا ھېسامىدىن، خىتاينىڭ روسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاڭ خەنخۇي ۋە شۇنداقلا روسىيەدە ئوۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى قاتنىشىپ، سىن ئارقىلىق كۆرۈشكەن.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «يىغىندا روسىيەدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەكىللىرى ئاكتىپلىق بىلەن سۆز قىلدى ۋە ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت، ئوقۇش ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى تونۇشتۇردى. ئۇلارنىڭ شىنجاڭدىكى تۇغقانلىرى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى، يۇرتىدىكى خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەر ۋە بەختلىك تۇرمۇشىنى چەت ئەلدىكى تۇغقانلىرىغا تونۇشتۇردى.»
سىنلىق يىغىندا بىر قانچە ئوقۇغۇچىنىڭ ئاتا-ئانىلىرى بىلەن كۆرۈشتۈرۈلگەن بولۇپ، خەۋەردە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنىڭ بالىلىرىغا «بىز ھازىر شۇنداق ياخشى ياشاۋاتىمىز، ئەگەر سىز چەت ئەلدە ئوقۇيالىغان بولسىڭىز، سىز چوقۇم پارتىيە ۋە دۆلەتتىن مىننەتدار بولۇشىڭىز كېرەك، چوقۇم جاپالىق ئۆگىنىشىڭىز ۋە ۋەتىنىڭىزگە قايتىپ، ۋەتىنىڭىزنى ۋە يۇرتىڭىزنى گۈللەندۈرۈشىڭىز كېرەك،» دېگەنلىكى يېزىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان 20 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغىمۇ مۇشۇنداق بىر يىغىن ئۇيۇشتۇرغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئارقىلىق چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتلىرىدىكى ئۇرۇق-تۇققانلىرى بىلەن ئالاقە قىلالمايۋاتقانلىقىدەك شىكايىتىنى يالغانغا چىقارماقچى بولۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتەلمەيۋاتقانلىقى مەلۇم.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇ ھەقتىكى سۆزىدە «ھازىرقىدەك ئۇچۇرلاشقان بىر دەۋردە كىم يېقىنلىرى بىلەن ئالاقە قىلىش ئۈچۈن ئەلچىخانا ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرى بىلەن ئالاقىلىشىدۇ؟ شەخسى پاراڭلارنى سېلىش ئۈچۈن يىغىن ئۇيۇشتۇرامدۇ؟ مۇشۇنىڭ ئۆزى ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنىڭ قايسىي دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى نامايەن قىلىپ بېرىدۇ،» دېگەن ئىدى.