خىتاي ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ تەيۋان ھاۋا بوشلۇقىغا كىرىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇردى
2021.01.25
ئامېرىكا خىتاي ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرىنىڭ تەيۋەن ھاۋا بوشلۇقىغا كىرىشى مۇناسىۋىتى خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇپ، تەيۋەنگە تەھدىت سېلىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان، شۇنىڭدەك «تېئودور روزۋېلت» ناملىق ئاۋىياماتكىسىنى تەيۋەن بوغۇزى ئارقىلىق جەنۇبىي دېڭىزغا ئەۋەتكەن.
تەيۋەن دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقى 23-ۋە 24-يانۋار كۇنلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئون نەچچە خىتاي ئۇرۇش ئايرۇپىلانىنىڭ تەيۋەن ھاۋا بوشلۇقىغا ئۈسۈپ كىرگەنلىكى، تەيۋەننىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋە ھاۋا مۇداپىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، خىتاي ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى تەيۋەن ھاۋا بوشلۇقىدىن يىراقلاشتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
بۇ ۋەقە بايدېن ھۆكۈمىتى 20-يانۋار ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىپ ئارقىدىنلا يۈز بەرگەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى نېد پرايس 23-يانۋار بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى تەيۋەنگە تەھدىت سېلىشنى توختىتىشقا چاقىرغان. ئۇ «بېيجىڭنى تەيۋەنگە ھەربىي، دىپلوماتىك، ئىقتىسادىي بەېسىم ئىشلىتىشنى توختىتىپ، تەيۋەننىڭ دېموكراتىك يوللار بىلەن سايلانغان ۋەكىللىرى بىلەن ھەقىقىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىمىز،» دېگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ئامېرىكا تەيۋەننىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىگە ئېرىشىشىگە داۋاملىق ياردەم قىلىدىكەن.
بۇنىڭ ئالدىدا ئاقساراينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك باياناتچىسى ئېمىلى ھورنە ئامېرىكانىڭ تەيۋەنگە بەرگەن ۋەدىسىنىڭ «تاشتەك مۇستەھكەم» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. خەۋەرلەردە تەكىتلىشىچە، «تېئودور روزۋېلت» ناملىق ئاۋىياماتكىنىڭ تەيۋەن بوغۇزى ئارقىلىق جەنۇبىي دېڭىزغا كىرىشى، خىتاينىڭ تەيۋەن ھاۋا بوشلۇقىغا ئۈسۈپ كىرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ياكى ئەمەسلىكى ئېنىق بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ پرېزىدېنت بايدېن ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىپ ئارقىدىنلا تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتۈشى خىتايغا بېرىلگەن كۈچلۈك بىر سىگنال ئىكەن.