خىتاينىڭ يېقىندىن بۇيان تىبەت تېررىتورىيىسىدىكى مۇزلۇقلاردىن باشلىنىپ، ھىندىستانغا ئېقىپ بارىدىغان خەلقئارالىق دەريا-تاراملارنى توسۇپ، سۇ ئامبىرى ياكى سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى ياسىماقچى بولغانلىقى ھىندىستان تەرەپنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىغان.
«ھىندىستان ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ھىندىستان قاتارلىق قوشنا ئەللەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماسلىق ئۈچۈن بىراخماپوترا ۋە گانگې دەريالىرىنىڭ تىبەت تېررىتورىيىسىدىكى باش ئېقىمىدا ئېلىپ بارماقچى بولغان سۇ قۇرۇلۇشى پىلانىنى ۋاقىتلىق توختاتقان. بۇنىڭ ئورنىغا تىبەت ئېگىزلىكىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە قاراپ ئاقىدىغان دەريالارنىڭ باش ئېقىمىدا سۇ قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان.
خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» بۇ ھەقتە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، «جىنشا، لەنساڭ ۋە نۈجياڭ دەريالىرىنىڭ تىبەتتىكى باش ئېقىمىدا غايەت زور سۇ ئېنىرگىيەسى مەۋجۇت. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دەريالار ھىندىستانغا ئاقىدىغان دەريالار ئەمەس،» دېگەن.
ھىندىستان تاراتقۇلىرى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي تىبەتتىكى سۇ قۇرۇلۇشىنى گەرچە خەلقئارالىق دەريا-تاراملاردىن ئىچكى دەريالىرىغا يۆتكىگەندەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن بۇ پەقەت بىر كۆرۈنۈش، خالاس. ئۇلارنىڭ يوشۇرۇن پىلانى يەنىلا خەلقئارالىق دەريالارنىڭ سۈيىدە، دېگەن.
ئۆتكەن ئايدا خىتاينىڭ براخماپوترا دەرياسىنىڭ تىبەت تېررىتورىيىسىدىكى باش ئېقىمىنى توسۇپ سۇ ئامبىرى ياسىماقچى بولغانلىقى، ئۇ يەردىن 1000 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تونىل ئارقىلىق بۇ سۇنى ئۇيغۇر دىيارىغا باشلاپ بارماقچى بولغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالغان ئىدى. خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، «بۇ ساختا خەۋەر، توغرا ئەمەس،» دېگەن.
ئىگىلىنىشىچە، خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئىنتايىن نازۇك بولغان تالاش-تارتىشلار يالغۇز چېگرا مەسىلىسىدىلا ئەمەس، بەلكى ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى خەلقئارالىق دەريا-تاراملار ۋە سۇ مەنبەسىنى تالىشىشتىمۇ ئىپادىلىنىدىكەن. ھىندىستان تەرەپ خىتاينىڭ تىبەتتىكى دەريا-تاراملاردا ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەر بىر ھەرىكىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلماقتىكەن.