ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە خىتاي تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش چاقىرىقى ئەۋج ئالدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017.10.10

يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىنى مەنئى قىلىش بۇيرۇقى كەڭ ئىجرا بولۇۋاتقاندا بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەردە «خىتاي ئورتاق تىلىنى ئومۇملاشتۇرۇش» چاقىرىقى تۇشمۇ-تۇشتىن ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇۋاتقان «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 9-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئالىي مەكتەپلەردىن قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا «ئىجتىمائىي مۇقىملىق» ئۈچۈن «ئورتاق تىل» نى ئومۇملاشتۇرۇش ھەققىدە چاقىرىق قىلغان.

مەزكۇر چاقىرىقتا قايسى مىللەت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر سىنىپ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەرقانداق ئوقۇتۇش پائالىيەتلىرىدە، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى ھەرقانداق ئالاقىدە خىتاي ئورتاق تىلىنى «ئورتاق تىل» سۈپىتىدە قوللىنىش تەلەپ قىلىنغان. چاقىرىقتا ئېنىق قىلىپ «ئورتاق تىلنى ئومۇملاشتۇرۇش ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇپ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئورتاق قوغدىشىغا پايدىلىق» دېيىلگەن.

مۇھاجىرەتتىكى بەزى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى مەنئى قىلىپ ئەمدىلىكتە خىتاي تىلىنى ئاشكارا ئورتاق تىلغا ئايلاندۇرماقچى بولۇشى ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش قەدىمىنى تېخىمۇ تېزلىتىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى» دېيىشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.