خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىدىغان يۇقىرى سۈرەتلىك تۆمۈريولنى سىناشقا باشلىغان


خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىدىغان يۇقىرى سۈرەتلىك تۆمۈريولنى ياساشقا ۋە پويىزلارنى سىناشقا باشلىغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 27 مىليارد دوللارلىق بۇ يۇقىرى سۈرەتلىك تۆمۈريول لىنىيەسى خىتاينىڭ لەنجۇ شەھىرىدىن باشلىنىپ، ئۈرۈمچىگە تۇتاشتۇرۇلىدىكەن.

نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر تۆمۈريول لىنىيەسىدە سىناق ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، پويىزنىڭ سائەتلىك سۈرىتى 217 كىلومېتىرغا يېتىدىكەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر تۆمۈريول لىنىيەسى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئىلگىرىلەپ كونترول قىلىش ۋە شۇ ئارقىلىق مەركىزىي ئاسىياغا كېڭىيىش قەستىنى ئاشكارىلايدىكەن.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىدە ئاۋسترالىيە مېلبۇرن ئۇنىۋېرسىتېتى لېكتورى جەيمىس لېيبولدنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل قىلىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشىگە ئەگىشىپ، خىتاي مەركىزىي ئاسىياغا يۈزلىنىشكە باشلىغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي ئۇيغۇر ئېلىگە تۇتاشتۇرىدىغان مەزكۇر تۇنجى يۇقىرىقى سۈرەتلىك تۆمۈريول لىنىيەسى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ يولۇچى توشۇشنى باشلايدىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئىلگىرى تاق لىنىيەلىك تۆمۈريولنى 90 يىللاردا قوش لىنىيەلىك قىلىپ ئۆزگەرتكەن ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىن چىققان خام ئەشيالارنى توشۇش قەدىمى تىزلىتىش بىلەن بىرگە خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىگە يۆتكەش سۈرىتىنى ئاشۇرغان ئىدى.

بۇ نۆۋەتلىك يۇقىرى سۈرەتلىك تۆمۈريول لىنىيەسىنىڭ يەنە نېمە مەقسەتلەرنى كۆزلىگەنلىكى نامەلۇم.