خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇر كونتروللۇقىنىڭ بىر مۇھىم ئىپادىسى ئۇيغۇر ئېلىگە تەكشۈرۈشكە ياكى خىزمەتكە بارىدىغان چەت ئەللىك مۇخبىرلارنى قاتتىق تەقىب قىلىشتا ئىپادىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى دۇنيادىكى كىشىلەرنىڭ بۇ ماكان ھەققىدىكى ئۇچۇرغا بولغان تەشنالىقىنى دەستەك قىلغان ھالدا ئوخشىمىغان تور چولپانلىرىنىڭ ئاغزىدىن بۇ ھەقتىكى «ئىجابىي بايانلار» نى تۆكمە قىلىشى ھېچقاچان توختاپ قالمىغان.
يېقىندا تەيۋەنلىك «تور چولپانلىرى» نىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى خۇسۇسىي زىيارەت خاتىرىسى تورلاردا كەڭ تارقىلىشقا باشلىغان. بۇنىڭدا ئۇلار غەرب ئاخباراتلىرى تەسۋىرلەۋاتقان «بىر تەرەپلىمە شىنجاڭ» ھەققىدىكى بايانلارنى ئۆزلىرىنىڭ كۆرگەنلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ «بۇ جايدا تىنچلىق ۋە ئاسايىشلىق ھۆكۈم سۈرمەكتە» دەپ خۇلاسە چىقارغان. ئۇلار «بۇ خىلدىكى ئاۋات مۇھىتتا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بەختىيار ھاياتىنى كۆرۈپ يۈرەك تارىلىرىم لەرزىگە كەلدى» دەپ يازغان.
ھالبۇكى، بۇ ۋىدىيولار «كۈندىلىك خىتاي» تورىدا ھەمبەھىرلىنىپ كەڭ تارقالغاندىن كېيىن تورداشلار بۇنىڭغا تۇشمۇ-تۇشتىن تەنقىد پىكىرلىرىنى ياغدۇرۇۋەتكەن. بەزىلەر «ئەجەبا داڭلىق مۇخبىرلار بارالمىغان يەرلەرگە سىلەر قانداق بارالىدىڭلار؟» دېگەندەك سوئاللارنى قويغان. شۇنداقلا ئۈرۈمچىگە بارغان بىر قىسىم مۇخبىرلارنىڭ پاراكەندىچىلىك، سومكا ئاختۇرۇش، كامېرا تەكشۈرۈش، ھەتتا قوغلاپ چىقىرىلىشقا دۇچ كەلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن. يەنە بەزىلەر، «خىتاي پەقەت ئۆز دۇمبىقىنى چالىدىغان كىشىلەرنىڭلا ئاشۇ ماكانغا بېرىشىغا يول قويىدۇ. ئۇنداقتا، سىلەر كىم؟» دەپ سوئال قويغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى تەشۋىقات ئۇرۇشى يېقىنقى مەزگىللەردە ئەۋج ئېلىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇنىڭ بىر روشەن ئىپادىسى مۇھاجىرەتتە سىياسىي پاناھلىق تىلەش ئارقىلىق پۇقرالىقنى ئالغان كىشىلەرگە «خىتاي زىيارىتى ئۈچۈن ۋىزا بېجىرىپ بېرىش» تە ئۆز ئەكسىنى تېپىۋاتقانلىقى مەلۇم.