تىۋىتتېر خىتاينىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ھېسابىنى يېقىندا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرى ھەققىدە تارقاتقان ئۇچۇرى سەۋەبلىك تاقىغانلىقىنى جاكارلىدى. تىۋىتتېر خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇچۇرىنى ئۆزلىرىنىڭ «ئىنسانسىزلاشتۇرۇش»، يەنى «ئىنسانلىقتىن چىقىرىش» تەك قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا مۇناسىۋەتلىك پرىنسىپلىرىغا خىلاپ، دەپ كۆرسەتكەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، تىۋىتتېر بۇ ھەقتىكى باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «سىلەرنىڭ تىۋىتتېر ئۇچۇرىڭلار بىزنىڭ ‹ئىنسانسىزلاشتۇرۇش› قا قارشى تۇرۇش پىرىنسىپىمىزغا خىلاپ بولغانلىقى ئۈچۈن، بىز بۇ ھەرىكەتنى قوللاندۇق. بىز بىر پۈتۈن توپلۇق ياكى ئادەملەرنىڭ دىنى، ئىرقى، مىللىتى ۋە ياكى باشقا كاتېگورىيەگە ئاساسەن ‹ئىنسانسىزلاشتۇرۇش› قا يول قويمايمىز.»
خىتاينىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى 1-ئاينىڭ 8-كۈنى تىۋىتتېردىكى رەسمىي ھېسابى ئارقىلىق تارقاتقان ئۇچۇرىدا «ئۇيغۇر ئاياللىرىنى بالا تۇغۇش ماشىنىسى» غا ئوخشىتىش بىلەن بىرگە، ئۇلارغا قارىتىلىۋاتقان مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش سىياسەتلىرىنى ئاقلىغان ئىدى.
مەزكۇر ئۇچۇر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە باشقا نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، تىۋىتتېر خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇچۇرىنى ئۆچۈرۈۋەتكەن. بىراق تىۋىتتېر بۈگۈنكى بايانىدا مەزكۇر ئۇچۇرنى خىتاي ئەلچىخانىسى ئۆزىنىڭمۇ ئۆچۈرۈشى كېرەكلىكىنى، ئەگەر ئۇنداق قىلمايدىكەن ئۇلارنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا ترامپ ھۆكۈمىتى ئاخىرقى كۈنىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ۋە «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، تىۋىتتېرنىڭ بۇنداق ھەرىكەت قوللىنىشى دىققەت قوزغىدى.