خىتايدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىۋاسىتە كونتروللۇقىغا ئۆتكەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.01.19

خىتاي كومپارتىيەسى خىتايدىكى ئالىي مەكتەپلەرگە قارىتا باشقۇرۇش قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئالىي مەكتەپلەرنى كومپارتىيەنىڭ بىۋاسىتە كونتروللۇقىغا ئالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇرۇن ئايرىم-ئايرىم بولغان مەكتەپ مۇدىرى ‍ئىشخانىسى بىلەن پارتىيە كومىتېتى ئىشخانىسى بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئالىي مەكتەپلەردە «بىرلىككە كەلگەن رەھبەرلىك» تەشكىل قىلىنماقتىكەن. رادىيومىزنىڭ ئېرىشكەن بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە، بۇ ئارقىلىق خىتايدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى باشقۇرۇشتا مۇدىر ئىشخانىسىنىڭ ئەمەس، پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ بىۋاسىتە رول ئوينايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئانالىزچىلار خىتايدىكى ئالىي مەكتەپ ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئورۇنلىرىدا پارتىيە كومىتېتى ئەسلىدىنلا مەۋجۇت بولسىمۇ، مۇدىرىيەت بىلەن پارتىيە كومىتېتىنى بىرلەشتۈرۈشنىڭ خىتايدا ئىلگىرى ھېچقاچان بولۇپ باقمىغان ھادىسە ئىكەنلىكىنى، ھەتتا «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دەك سىياسىي داۋالغۇش يىللىرىدىمۇ بولۇپ باقمىغانلىقىنى قەيت قىلىشماقتىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومى 14-يانۋار كۈنى ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ، مەكتەپ مۇدىرى ئىشخانىسى بىلەن بىرلەشكەن يېڭى پارتىيە كومىتېتى ئىشخانىسى تەشكىل قىلىنغانلىقى ۋە مەكتەپنى بۇ ئىشخانا باشقۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

نۆۋەتتە، خىتاي ئالىي مەكتەپلىرىدىكى بۇ خىل يېڭى باشقۇرۇش شەكلىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئەمەلىيلەشكەن ياكى ئەمەلىيلەشمىگەنلىكى ئېنىق بولمىسىمۇ، لېكىن مەمۇرى باشقۇرۇشتا پارتىيە كومىتېتلىرى ئەزەلدىن ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان ئۇيغۇر رايونىدا، بۇ خىل باشقۇرۇش شەكلىنىڭ پات يېقىندا دەرھال ئەمەلىيلىشىشىنى پەرەز قىلىش تەس ئەمەس، دەپ قارالماقتا.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئالىي مەكتەپ باشقۇرۇش قۇرۇلمىسىدىكى بۇ ئۆزگىرىش چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن چەكلەنمەيدىكەن. بۇ خىل يېڭى باشقۇرۇش قۇرۇلمىسىنىڭ خىتايدىكى باشقا ئالىي مەكتەپلەردىمۇ يولغا قويۇلغانلىقى، جۈملىدىن خىتاينىڭ شاڭخەي جياۋتوڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، غەربىي-جەنۇپ جياۋتوڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، سىچۈەن ئۇنىۋېرسىتېتى، بېيجىڭ ئاۋىئاتسىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلىرىنىڭمۇ بۇ خىل باشقۇرۇش شەكلىگە ئۆتكەنلىكى قەيت قىلىنماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.