خىتايدا كورونا ۋىرۇسى باش كۆتۈرۈپ، 22 مىليون كىشى ئۆيلىرىگە بەنت قىلىنغان

خىتاي ئۆلكىلىرىدە كورونا ۋىرۇسى يەنە تارقىلىپ، 22 مىليون كىشى ئۆيلىرىگە بەنت قىلىنغان.

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھازىر ئۆتكەن يىلى يازدىن بۇيانقى ئەڭ ناچار كورونا ۋىرۇسى يۇقۇم مەزگىلىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بولۇپ، بۇ دەل خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنى يۇقۇمنى تېزگىنلەشتە غەلىبە قىلدۇق، دەپ ماختىنىۋاتقاندا يۈز بەرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئاينىڭ بېشىدا بېيجىڭ ئەتراپىدىكى بىر ئۆلكىدىكى يېزىدا ئۆتكۈزۈلگەن توي مۇراسىمىغا قاتناشقانلارنىڭ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئاشكارىلانغان. دائىرىلەر بۇنىڭ بىلەن شىجياجۇاڭ ۋە شىڭتەي قاتارلىق 17 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسى بار ئىككى شەھەرنى تاقىغان. بىر نەچچە كۈن ئىچىدە بارلىق ئاھالىلەرنى تەكشۈرۈشنى بۇيرۇقى چۈشۈرگەن. قاتناشنى توختىتىپ، توي، دەپنە مۇراسىمى ۋە يىغىنلارنى ئەمەلدىن قالدۇرغان.

بۇ ھەپتە بېشىدا بولسا قامالنى بېيجىڭ، لاڭفاڭ ۋە شۇنداقلا خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىگە قاراشلىق بىر ناھىيەگىچە كېڭەيتكەن. جەمئىي 22 مىليوندىن ئارتۇق كىشى ئۆيىدىن چىقماسلىققا بۇيرۇلغان.

«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىتايدا ئۆتكەن يىلى 1-ئايدا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ۋىرۇس تۇنجى قېتىم بايقالغان مەركىزى شەھەر ۋۇخەننى تاقىغاندا تەسىرگە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ بولۇپ، كۆلەم جەھەتتىن قارىغاندا بۇ قېتىملىق تاقاشنى پەۋقۇلئاددە دەپ قاراشقا بولىدىكەن.

ھازىر شىمالدىكى شەنشى ئۆلكىسى ۋە خېيلۇڭجياڭ ۋە جىلىن قاتارلىق ئۆلكىلەردىمۇ يېڭى يۇقۇم ئەھۋاللىرى كۆرۈلگەن. شاڭخەي شەھىرى يۇقۇم تېزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئاشۇرغان. ۋىرۇس ئەڭ دەسلەپ تارقالغان ۋۇخەندە يەنە بىر قېتىملىق تاقاش بولىدىغانلىقى ھەققىدە مىش-مىش پاراڭلار بولۇۋاتقان ئىكەن.

«نيۇ-يورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىملىق يۇقۇم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ۋىرۇسنى تېزگىنلەشتە غەلىبە قازاندۇق»، دەپ قىلىۋاتقان تەشۋىقاتىنىڭ سۇغا چىلىشىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.