ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ سودا مەسلىھەتچىسى پېتىر ناۋارو 18-ماي كۈنى خىتايدىن تارقالغان تاجسىمان ۋىرۇسى ھەققىدە سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىرۇسنى غەرەزلىك ھالدا باشقا جايلارغا تارقاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى.
ئۇ ABC خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «تۇنجى بىمار 2019-يىلى نويابىردىلا بايقالغان. ئەمما خىتاي بۇ ئۇچۇرنى دۇنيادىن ئىككى ئاي يوشۇردى. ئارقىدىنلا مىڭلىغان خىتاي ساياھەتچىلەرنى ئايروپىلان ئارقىلىق مىلان، نيۇ-يورك قاتارلىق شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ ۋىرۇسنىڭ ئۇرۇقىنى ھەممىلا يەرگە تېرىۋەتتى» دېگەن.
نۆۋەتتە تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسى جىددىي تەكشۈرۈلۈۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەقتە تېخى ئېنىق بىر يەكۈن چىقىرىلمىغانىدى. ناۋارو بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ بۇ ۋىرۇسنى ئەمەلىيەتتە خىتايدىكى ۋاقتىدىلا پۈتۈنلەي كونترول قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، غەرەزلىك ھالدا ئىجرا قىلغان خاتا تەدبىرلىرى تۈپەيلىدىن بۇنىڭ ھازىر دۇنياۋى ۋاباغا ئايلىنىپ كەتكەنلىكىنى، شۇ سەۋەبتىن بۇنىڭغا پۈتۈنلەي خىتاي ھۆكۈمىتى جاۋابكار بولۇشى لازىملىقىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇشتا «دۇنياۋى بىرلىكسەپ ھاسىل قىلىش» ھەققىدە سۆز قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئىزچىل تۈردە تاشقى دۇنيانىڭ ۋىرۇس ئەۋرىشكىسى بىلەن تەمىنلەش ھەققىدىكى تەلىپىنى رەت قىلىپ كەلمەكتە.