خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل ئۆزلىرىنىڭ تاجىسىمان ۋىرۇسىنى تولۇق كونترول قىلغانلىقىنى ئېيتىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن يېقىندىن بۇيان مەلۇم بولۇۋاتقان ئۇچۇرلار خىتايدىكى ۋىرۇس ۋەھىمىسىنىڭ بارغانسېرى ئۆرلەۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 2-نويابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتايدا ئۆتكەن ئۈچ ئايدىن بۇيانقى تاجىسىمان ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش نىسبىتى ئەڭ يۇقۇرى پەللىگە يەتكەن بولۇپ، بېيجىڭ شەھىرىدە كېلەر ھەپتە چاقىرىلماقچى بولغان خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيورۇسىنىڭ يىغىنى ئۈچۈن بىر چوڭ باش ئاغرىقى پەيدا قىلماقتا ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2-نويابىرنىڭ ئۆزىدە يېڭىدىن 93 يېڭى بىمار بايقالغان بولۇپ، ئۆتكەن بىرنەچچە ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يېڭى رېكورد يارىتىلغان.
بېيجىڭ شەھىرىدىكى ھەرقايسى سودا سارايلىرى، مېھمانخانىلار ۋە مېترو بېكەتلىرىدە كىشىلەرنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئۆلچىنىدىغان بولۇپ، يەرلىك دائىرىلەر ئاھالىنى ئىمكان قەدەر باشقا جايلارغا ساياھەتكە بارماسلىققا، توي-تۆكۈن ياكى ئۆلۈم-يىتىم دېگەندەك كۆپ ئادەم يىغىلىدىغان پائالىيەتلەرنى كېچىكتۈرۈشكە دەۋەت قىلماقتا ئىكەن. ئايرودروملاردىكى ئاۋىياتسىيە قاتنىشىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئالىقاچان ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. تېخىمۇ مۇھىمى نۆۋەتتە بۇ ۋىرۇسنىڭ خىتاينىڭ ھەممىلا ئۆلكىسىدە دېگۈدەك توختىماستىن بايقىلىپ تۇرۇشى كېلەر ھەپتە ئېچىلماقچى بولغان خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتنىڭ يېپىق يىغىنىدا شى جىنپىڭنىڭ داۋاملىق رەئىس بولۇشى مۇقىملىشىشتەك رېئاللىققا ئوخشاشلا، ھەر ساھە كىشىلىرىنى ۋەھىمىگە سالماقتا ئىكەن.