خىتاي كومپارتىيەسى «جۇڭگونىڭ تەھدىت» كە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
2015.01.23
خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى جۈمە كۈنى ئاگاھلاندۇرۇپ، «جۇڭگونىڭ مىسلىسىز بىخەتەرلىك تەھدىتى» گە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ 25 كىشىلىك سىياسىي بيۇروسى جۈمە كۈنى ئايلىق يىغىن چاقىرغان.
سىياسىي بيۇرو شۇ كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «بىخەتەرلىك جەھەتتىكى بەزى خىرىس ۋە تەھدىتلەرنى ئالدىنئالا قىياس قىلىش ئىمكانسىز. شۇڭا، دۆلەت يوشۇرۇن تەھدىتلەرگە ھەر ۋاقىت ھوشيار تۇرۇشى زۆرۈر.»
باياناتتا، بۇ يوشۇرۇن تەھدىتلەر كونكرېت تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، بىراق بەزى كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر قارشىلىق ھەرىكىتى، ياپونىيە ۋە شەرقىي -جەنۇبىي ئاسىيادىكى بەزى دۆلەتلەر بىلەن بولغان زېمىن تالاش-تارتىشى، ئامېرىكىنىڭ ئاسىياغا قايتىشى قاتارلىق ئامىللارنى جىددىي تەھدىت، دەپ قاراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ شىددەتلىك قارشىلىقىغا دۇچ كېلىپ، شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرىگە بىر يىللىق «قاتتىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتى باشلىغان.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ جۈمە كۈنى تارقاتقان خەۋىرىدە ئەسكەرتىشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى ش. ت. ئى. ھ. قاتارلىق چېگرا سىرتىدىكى كۈچلەرنى ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ بۇ ھۇجۇملاردا رادىكال كۈچلەرنىڭ قولى بارلىقىغا دائىر دەللىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقمىغان.