بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ 13-سېنتەبىردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ خېڭياڭ شەھىرىدە بىر كىشى كەچلىك سەيلىدىكى كىشىلەر توپىغا ماشىنا بىلەن ھۇجۇم قىلغان، ئاندىن خەنجەر ۋە گۈرجەك كۆتۈرگىنىچە ئۇچرىغانلار ئادەمنى چاناشقا باشلىغان. نەتىجىدە بۈگۈنگە قەدەر شۇ قېتىملىق ھۇجۇمدا جەمئىي 11 خىتاي ئۆلگەن. يارىلانغانلاردىن 44 كىشى دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا ئىكەن.
خېڭياڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەت بۇ ھەقتىكى باياناتتا «جىنايەت گۇماندارى ئىلگىرى زەھەر ئەتكەسچىلىكى بىلەن شۇغۇللانغان. ئوغرىلىق ۋە بۇلاڭچىلىق قىلمىشى سادىر قىلغان» دېگەن. ئۇنىڭ «جەمئىيەتتىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن» بۇ قېتىملىق ھۇجۇمنى قوزغىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 12-سېنتەبىر كەچقۇرۇن جىنايەت گۇماندارى، 54 ياشلىق ياڭ زەنيۈن ئادەملەر مىغىلداپ تۇرغان «خەلق مەيدانى» غا ماشىنا ھەيدىگىنىچە سىگنال بەرمەستىن يۇغۇرى سۈرئەتتە بۆسۈپ كىرگەن. ماشىنا تۈۋرۈككە ئۈسۈپ توختىغاندىن كېيىن ياڭ زەنيۈن ماشىنىدىن سەكرەپ چۈشۈپ ئادەملەرگە ھۇجۇم قىلغان. پۈتكۈل ھەرىكەتنىڭ خاراكتېرى 2013-يىلى بېيجىڭدا يۈز بەرگەن «تيەنئەنمېنغا ماشىنىلىق ھۇجۇم قىلىش» ۋەقەسىگە پۈتۈنلەي ئوخشايدىغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەينى ۋاقىتتا بۇ ھۇجۇمنى «جىھاد ئىدىيەسى بىلەن زەھەرلەنگەن ئۇيغۇر تېررورچىلىرى» نىڭ قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئەمما خېڭياڭ شەھىرىدىكى ئوخشاش ھۇجۇمنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىمەسلىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغانلىقى مەلۇم.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شاڭخەي، بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردا خىتاي پۇقرالار مەكتەپ بالىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش، ئايرودرومدا بومبا پارتلىتىش دېگەندەك قىلمىشلارنى سادىر قىلىپ، نەچچە ئونلىغان كىشىلەر ئۆلتۈرۈلگەن بولسىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئىشلارنى ئىزچىل «روھىي كېسەللىك» ياكى «جەمئىيەتتىن ئۆچ ئېلىش» دېگەندەك ئەيىبلەر بىلەن خۇلاسىلەپ كەلمەكتە ئىكەن.