بېيجىڭ دائىرىلىرى كېلەر پەيشەنبە يەنى 3-سېنتەبىر ئۆتكۈزۈلىدىغان ياپونغا قارشى ئۇرۇشنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمىدا ۋەقە چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، بېيجىڭدا 8-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 5- كۈنىگە قەدەر قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مەزگىلدە يەنە ئىنتېرنېت ئالاقە تورىدىمۇ قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يولغا قويۇلىدىغان بولۇپ، 23-ئاۋغۇست سەھەر سائەت 0 دىن باشلاپ بېيجىڭدىكى ئىنتېرنېت ئالاقە تورىدا «1-دەرىجىلىك بىر تۇتاش باشقۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدىغانلىقى، تورغا يوللىنىدىغان ھەرقانداق ئۇچۇر ، رەسىم،سىنئالغۇ فىلىملىرىنىڭ تور ساقچىلىرىنىڭ قاتتىق تەكشۈرۈشىدىن ئۆتىدىغانلىقى» تەكىتلەنگەن.
25-ئاۋغۇست سەيشەنبە كۈنى رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بېيجىڭلىق لى خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ھەپتە بېيجىڭدا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يولغا قويۇلغان. بېيجىڭغا سىرتتىن كەلگەن ئەرزدارلار،ساياھەتچىلەر، كوچىدىكى رېستۇرانلاردا تاماق يەيدىغانلار،بازار ئارىلاپ سودا-سېتىق قىلىدىغانلار ئازايغان. بېيجىڭدىكى كۆپلىگەن ئىدارە، ئورگان، شىركەت ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئورۇنلىرى خىزمەتچىلەرنى ھەپتىلىك دەم ئېلىشقا قويۇپ بەرگىنى ئۈچۈن، بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئاھالىلەرنىڭ كۆپچىلىكى باشقا جايلارغا كەتكەن. بېيجىڭ كوچىلىرىدا ئادەم كۆرۈنەرلىك ئازايغان.
بېيجىڭ شەھەرلىك ساقچى دائىرىلىرى يەنە بۇ ئىككى ھەپتە ئىچىدە مېھمانخانا، ھور مونچا قاتارلىق ئاممىۋى مۇلازىمەت ۋە كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىدا 24 سائەتلىك كىملىك تەكشۈرۈش تۈزۈمى يولغا قويۇلىدىغانلىقى ، بېيجىڭ ئاسمىنىدا لەگلەك، كەپتەر قاتارلىقلارنى ئۇچۇرۇشقا بولمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئۇقتۇرغان.