19 - ماي كۈنى ياپونىيىنىڭ دېڭىز چارلىغۇچى قىسىملىرى خىتاينىڭ سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ ياپونىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى تالاش - تارتىش بولۇۋاتقان ئاراللارغا يېقىن ئوكىناۋاغا تۇتىشىدىغان جايلاردا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى سېزىۋالغان.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە ئۆزىنى قوغداش قىسىملىرىنىڭ پ - 3س ناملىق سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنى كۆزىتىش ئەترىتى خىتاينىڭ بىر سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ ئوكىناۋانىڭ جەنۇبىدىكى دېڭىز رايونىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى سېزىۋالغانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
ياپونىيە تەرەپ خىتاي سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ مەزكۇر جايلاردا بىر ھەپتە ئىچىدە ئىككىنچى قېتىم سېزىلىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
5 - ئاينىڭ 2 - كۈنىمۇ بىر قېتىم نامەلۇم بىر سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ پائالىيەتلىرى ياپونىيە تەرەپتىن سېزىۋېلىنغان.
لېكىن ھازىرغىچە خىتاي تەرەپ ئۆز سۇ ئاستى پارخوتلىرىنىڭ مەزكۇر ھەرىكەتلىرى ھەققىدە ئىنكاس قايتۇرمىغان.
ئارىلىقتا جىددىيلىشىپ كەتكەن سېنكاكو ئاراللىرى مەسىلىسىگە ئائىت تالاش - تارتىشلار ھازىر بىرئاز پەسەيگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىككى دۆلەت ھەرقاچان بۇ ئاراللارغا بولغان ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكىنى يوق ھەم ئىككىلا تەرەپ مەزكۇر دېڭىز رايونىغا ھۇشيارلىق بىلەن مۇئامىلە قىلماقتا.
