خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «قارا كۈچلەرگە زەربە بېرىش ھەرىكىتى» مەدەنىيەت بازىرىغا كېڭەيمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-05-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئەۋج ئېلىۋاتقان «قارا كۈچلەرگە ۋە رەزىللىككە زەربە بېرىش» ھەرىكىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان مەدەنىيەت ۋە ساياھەت بازىرىغا كېڭىيىۋاتقانلىقى دىققەت قوزغىماقتا.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 7-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يېقىندا تۇرپان تەۋەسىدىكى يالقۇن تاغ، بېزەكلىك، سۇلايمان ۋاڭ مۇنارى قاتارلىق جايلاردىكى ساياھەت نۇقتىلىرىدا، شۇنىڭدەك بىر قىسىم تورخانا ۋە بەزمىخانىلاردا «قارا كۈچلەرگە زەربە بېرىش» ھەرىكىتى ئىجرا بولغان. بۇ جەرياندا بىر قىسىم «قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ئۇنسۇرلار» بايقىلىپ، ئەدلىيە ئورۇنلىرىنىڭ بىر ياقلىق قىلىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئۆتكەن مەزگىللەردىمۇ داۋام قىلىپ كەلگەن مەدەنىيەت بازىرىنى «تازىلاش» ھەرىكەتلىرىدە ئادەتتە شەھۋانىي ئۈن-سىن بۇيۇملىرى ياكى قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرى دېگەنلەر تەكشۈرۈلۈپ كەلگەن. ئەمدىلىكتە بولسا مەدەنىيەت، تەنتەربىيە ۋە ساياھەت ساھەسىدىكى «قارا كۈچلەرگە زەربە بېرىش ھەرىكىتى» نىڭ بۇ ساھە ئۈچۈن قانداق يوقىتىشلارنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى دىققەت قوزغىماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ھەرىكەتنىڭ يەنە بىر مۇھىم مەزمۇنى «قارا كۈچلەر» نى پاش قىلغان ياكى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەن شەخسلەرنى ماددىي جەھەتتىن مۇكاپاتلاش تەشۋىقاتى بولماقتا ئىكەن. كورلا شەھەرلىك ھۆكۈمەت تورىنىڭ 7-مايدىكى خەۋىرىدە ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىل يىپ ئۇچى بىلەن تەمىن ئەتكەن شەخسلەرنى 30 مىڭ سومغىچە مۇكاپاتلىغانلىقى ئالاھىدە خەۋەر قىلىنغان. «قارا كۈچلەر» نى پاش قىلغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ كېيىنكى بىخەتەرلىكى ئۈچۈن بىردەك چوشقا باشلىق نىقاب كىيىپ مۇكاپاتلارنى تاپشۇرۇۋالغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت