خىتايدىكى رادىي-تېلېۋىزىيە ۋە باشقا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى يەنىمۇ قاتتىق كونترول ئاستىغا ئېلىنماقچى
2018.03.22
خىتاي كومپارتىيەسى خىتايدىكى ئاخبارات ئورگانلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ كونترول ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن.
3-ئاينىڭ 21-كۈنى خىتاي دائىرىلىرى خىتاينىڭ مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، جۇڭگو خەلقئارا رادىيو ئىستانسىسى قاتارلىق تاراتقۇلارنى بىرلەشتۈرۈپ «مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى» قۇرۇش ھەققىدىكى قارارىنى ئېلان قىلغان.
«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ خىتايدىكى بارلىق ساھەلەردە كومپارتىيەنىڭ باشقۇرۇشى ۋە نازارىتىنى كۈچەيتىش يولىدىكى ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، خىتايدىكى ئاخبارات، رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە كىنوچىلىق ساھەسىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقاتچىسىغا ئايلىنىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
يېڭى قارار بويىچە ئەسلى مەۋجۇت بولغان دۆلەت ئاخبارات-نەشرىيات، رادىيو، كىنو-تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولۇپ، مەزكۇر ئورگاننىڭ ۋەزىپىسى بىۋاسىتە ھالدا مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.
خوڭكوڭ پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى داۋىد زىۋېيگ «ۋاشىنگتون پوچتىسى» غا قىلغان سۆزىدە بۇنىڭ ھەممە كىشىنىڭ ئىدىيەسىنى بىرلەشتۈرۈش بويىچە ئېلىنغان زور بىر قەدەم ئىكەنلىكىنى، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئەمدى خىتاينىڭ ئاكتىپ تەشۋىقات ئىستېمالچىلىرىغا ئايلىنىشتىن باشقا يولىنىڭ قالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ خىتايدا ئاخبارات ۋە ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بۇندىن كېيىن يەنىمۇ قاتتىق باشقۇرۇلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.