ئالما شىركىتىنىڭ خىتايدىكى قۇرئان ئېپىنى چۈشۈرۈۋېتىشى ئامېرىكادىكى مۇسۇلمانلار تەشكىلاتىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى
2021.10.15
ئالما شىركىتى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بېسىمىدا دۇنيادىكى ئەڭ خېرىدارلىق ئەپلەرنىڭ بىرى بولغان «قۇرئان مەجىد» نىڭ خىتايدىكى ئېپىنى چۈشۈرۈۋەتكەن. ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ ئەپتە قانۇنسىز دىنىي تېكىستلەرنىڭ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالما شىركىتىگە بېسىم قىلغان. بىراق ئالما شىركىتى خىتاينىڭ كونكرېت قايسى دىنىي تېكىستلەرنى قانۇنسىز، دەپ كۆرسەتكەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى ئۇيغۇرلارغا قارىتا باشلىغان چوڭ تۇتقۇندا قۇرئانى كېرىم، جەينىماز، ھەدىس كىتابلىرىنى، ناماز، ھېجاپ، ساقال، تەسۋى، دىنىي مەزمۇندىكى رەسىم ۋە ھۆسنى خەتلەرنىمۇ دىنىي رادىكاللىقنىڭ ئىپادىسى، دەپ ئۇنىڭغا چېتىشلىق يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلغانىدى.
ب ب س نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئەپنى ئىشلەپچىقارغان PDMS شىركىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، «ئالما شىركىتىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا بىزنىڭ قۇرئان مەجىد دېتالىمىز خىتاي ئەپ دۇكىنىدىن چىقىرىۋېتىلگەن. چۈنكى، بۇ ئەپ خىتاي دائىرىلىرى قوشۇمچە مەلۇمات تەلەپ قىلىدىغان مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان» دېيىلگەن. ئالما شىركىتىنىڭ قارارى ئامېرىكادىكى ئاڭ چوڭ مۇسۇلمانلار تەشكىلاتى- «ئامېرىكا ئىسلامى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى» نىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان.
بۇ تەشكىلاتنىڭ باياناتىدا، ئۇنىڭ مەملىكەتلىك دىرېكتورى ئېدۋارد ئاخمەت مىچېل «ئالما شىركىتى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، ئىنجىل بىلەن قۇرئان ئەپلىرىنى چۈشۈرۈۋېتىش ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دىنىي زىيانكەشلىكىگە يول قويدى» دېگەن. «ئامېرىكا ئىسلامى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى» بۇنىڭ ئالدىدا خىلتون گۇرۇھىنىڭ خوتەندە مېھمانخانا سېلىشىغا قارشى بايقۇت ئېلان قىلغانىدى. ئېدۋارد ئاخمەت مىچېلنىڭ ئېيتىشىچە، 16-ئۆكتەبىر ئامېرىكانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 40 تىن ئارتۇق خىلتون مېھمانخانىلىرىنىڭ ئالدىدا تەربىيە خاراكتېرلىك تەشۋىقات پائالىيىتى ئېلىپ بارىدىكەن.