ئامېرىكىدىكى مەشھۇر «تاشقى ئىشلار» ژۇرنىلىدا بۈگۈن «خىتاي ئىنتېرنېتقا ئەجەللىك زەربە بەرمەكچى» ماۋزۇلۇق بىر ماقالە ئېلان قىلىندى.
ماقالىدە خىتاي يۇتۇب، گۇگۇل ۋە تىۋىتتىر قاتارلىق دۇنيادىكى مەشھۇر ئىلغار ئىنتېرنېت مۇلازىمەتلىرىنى چەكلەپ بولغاندىن كېيىن، ئەمدىلىكتە تاشقى دۇنيادىكى ئىنتېرنېت تورىغا ئۇلىشىشنىڭ بىردىن- بىر يولى بولغان VPN مۇلازىمىتىنىمۇ يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.
ئاپتور جامېس پالمېر تەرىپىدىن يېزىلغان بۇ ماقالىدە، خىتاينىڭ ئىنتېرنېتقا بۇ قەدەر دۈشمەنلىك قىلىشىنىڭ مەقسىتى ئۇچۇرنى كونترول قىلىش ئەمەس، بەلكى 2011-يىلى مىسىردا، ئۇنىڭدىن كېيىن ئوكرائىنىيەدە يۈز بەرگەن ئەركىنلىك ئىسيانىنىڭ خىتايدا باش كۆتۈرۈپ قېلىشىدىن قورقۇش ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان.
بۇ خىل چەكلىمىلەرنىڭ يالغۇز سىياسىي ئۆكتىچىلەرگىلا ئەمەس، سودا-كارخانىچىلارغا، تەتقىقاتچىلارغا، يەنى جەمئىيەتنىڭ پۈتكۈل ساھەسىگە پۇتلىكاشاڭ تۇغدۇرۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بۇ مەزكۇر ماقالىدە، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ ئاقىۋەتتە ئۆزىگە زىيان ۋە خەتەر ئېلىپ كېلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
ماقالىدە يەنە، ۋ پى ئەن شىركىتىنىڭ خىتاينىڭ دەل مۇشۇ خىل توسقۇنلۇقلىرىغا قارشى داۋاملىق ھالدا تېخنىكا ۋە ئەسلىھەسىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن.