ئىسلام مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ھەرىكىتى خىتاي ئۆلكىلىرىدە داۋام قىلماقتا
2019.02.13
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ بىر نىشانى ئىسلام مەدەنىيىتىگە چېتىشلىق مەزمۇنلار ئىكەنلىكى مەلۇم.
يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىدە «پان-ئەرەبچىلىككە زەربە بېرىش» نامىدا ئىسلام مەدەنىيىتىنى ئىپادىلىگەن بارلىق بەلگىلەرنى مەنئى قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.
«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى خېبېي ۋە خەينەن ئۆلكىلىرىدە ئاممىۋى سورۇنلار، جۈملىدىن ئاشخانا ۋە مەسچىتلەردە ئەرەبچە يېزىقتىكى شوئارلارنى بىردەك مەنئى قىلغان. بولۇپمۇ ئاشخانىلارنىڭ تاماق تىزىملىكى، ئىسلامىي مەھسۇلاتلاردا ئەرەبچە يېزىق ياكى دىنىي مەزمۇنلارنى ئىشلەتكەنلەر تەكشۈرۈپ بىر ياقلىق قىلىنغان.
خەينەن ئۆلكىسىنىڭ سەنيا شەھىرىدىكى بىر ھۆكۈمەت ئەمەلدارى بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئۆزلىرىنىڭ 2018-يىلى نويابىر ئېيىدىن باشلاپ شەھەردىكى تۇڭگانلار رايونىدا مەخسۇس تەكشۈرۈش ئورۇنلاشتۇرغانلىقىنى، بۇ جەرياندا 50 نەچچە ئورۇندا ئەرەبچە خەت ئىشلىتىش قىلمىشىنى بايقىغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇ خىل تەكشۈرۈشلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن يەنە داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكىدىكى خىتاي ئۆكتىچى زىيالىي تېڭ بياۋ بۇ ھەقتە پىكىر قىلىپ «بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي تازىلاش ھەرىكىتى. ئۇنىڭ مەقسىتى كىشىلەرنىڭ دىنىي، مىللىي ۋە مەدەنىيەت كىملىكىنى يوق قىلىش،» دەيدۇ.