فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشقا چاقىرىلدى

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنى خىتايدىكى رەسمىي زىيارىتى جەريانىدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا چاقىردى.

مەلۇم بولۇشىچە، فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جىن مارك ئايرائۇلت 13-، 14-ئاپرېل كۈنلىرى خىتايدا رەسمىي زىيارەتتە بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشىدىكەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇنى بۇ زىيارەتنى خىتايدىكى تۈرمىگە ئېلىنغان بارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇلار ئايرائۇلتتىن خىتايدىن تۈرمىلەردىكى بارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى ئازاد قىلىش، پىكىر ئەركىنلىكىنى چەكلەشنى ئاياغلاشتۇرۇش ۋە ئۆلۈم جازالىرىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا چاقىرغان.

تېخى يېقىندا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بىر ئەتراپلىق دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتايدىكى ئۆلۈم جازاسىنى ئاياغلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.