«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ مۇخبىرلىرى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ئىستېپا بەرگەن
2022.10.25
«خوڭكوڭ ئەركىن مەتبۇئات» تورىنىڭ 24-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ مۇخبىرلىرىدىن ئىككىيلەن ئۆزلىرىنىڭ ئۈچ ئايلىق تەكشۈرۈش ئاساسىدا تەييارلاپ چىققان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى گېزىت تەھرىراتى بىكار قىلىۋەتكەنلىكتىن ئۆز خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەن.
توكيو شەھىرىدىكى «چەتئەل مۇخبىرلىرى كۇلۇبى» دا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ سابىق ئالىي مۇھەررىرى، مۇخبىر پېتىر لاڭگان (Peter Langan) بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ ۋە يەنە بىر مۇخبىر كۆپلىگەن يازما ھۆججەتلەر ئاساسىدا تەييارلاپ چىققان ئۇيغۇر دىيارىدىكى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ھەمدە ئۇنىڭ تەسىرى ھەققىدىكى ئۈچ قىسىملىق تەكشۈرۈش دوكلاتى گېزىت تەھرىر بۆلۈمىگە تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن «تەھرىرلىك ۋە دەلىللەش ئۆلچەملىرىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن» دېگەن بەتنام بىلەن بىكار قىلىۋېتىلگەن. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «شىنجاڭ ئىزچىل ئاخبارات ساھەسىنىڭ دىققەت مەركىزىدە بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. يەنە كېلىپ ھازىر كۆپلىگەن دوكلاتلار لاگېرلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىن قىلىنىشىنى مەركەزلىشىپ قالدى» دېگەن. شۇنداقلا مەزكۇر گېزىت تەھرىر بۆلۈمىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى رەنجىتىپ قويۇشنى خالىمىغانلىقىنى ئىشارە قىلغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۈچ قىسىملىق بۇ دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى ئىجرا قىلىنغان 17 يىلدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى نوپۇس قۇرۇلمىسىدا قانداق ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلغانلىقى تەپسىلىي شەرھلەنگەن. دوكلاتنىڭ ئاساسلىق ماتېرىيال مەنبەسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى بولسىمۇ «پاكىتلار تولۇق ئەمەس» دېگەن باھانە بىلەن ئېلان قىلىنمىغان. مەلۇم بولۇشىچە، «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بۇ خىلدىكى «مەركىزىي ھۆكۈمەتنى رەنجىتمەسلىك» خاھىشى ئىلگىرىمۇ بىرنەچچە قېتىم كۆرۈلگەن. «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتى خوڭكوڭدا ئىنگلىز تىلىدا نەشر قىلىنىدىغان بولۇپ، «ئالى بابا گۇرۇھى» 2015-يىلى 266 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا ئۇنى سېتىۋالغانىدى.