خىتاي دۇنيادا مۇخبىرلار ئەڭ كۆپ قاماققا ھۆكۈم قىلىنىدىغان دۆلەت بولۇپ باھالاندى.
11-دېكابىر كۈنى مەركىزى نيۇ-يوركتىكى مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتقا قارىغاندا، ئۆتكەن بىر يىل مابەينىدە دۇنيا مىقياسىدا قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مۇخبىرلار سانى 250 نەپەر بولۇپ، بۇلارنىڭ 48 نەپىرى خىتايدا ئىكەن.
خىتايدا قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان مۇخبىرلار ئاساسەن «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش»، «ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىدىكەن.
مەزكۇر ئورگان دوكلاتىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇننى قانات يايدۇرۇپ، بىر مىليوندىن ئوشۇق كىشىنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماشقا باشلىغاندىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ ئاساسلىق زەربە نىشانى بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن. دوكلاتتا قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ 4 نەپەر خادىمىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مىسال قىلىپ كۆرسىتىلگەن.
11-دېكابىر كۈنى يەنە مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتىنىڭ دىرېكتورى جول سىمون تىۋىتتېردىكى ئىنكاسىدا خىتاينىڭ دۇنيادا مۇخبىرلار ئەڭ كۆپ جازالىنىدىغان دۆلەت بولۇپ باھالانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن، ئۇ «مانا بۇ بىزنىڭ شىنجاڭ رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنى خەۋەر قىلىشنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدىكى چۈشەنچىمىزنى شۇنداقلا ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى مۇخبىرلىرىنىڭ پىداكارلىق بىلەن قىلىۋاتقان خىزمىتىگە بولغان چۈشەنچىمىزنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ،» دېگەن.
مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتىنىڭ دوكلاتىدا خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ مۇخبىر قاماققا ئېلىنغان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن 1-ئورۇنغا تىزىلغان. خىتايدىن كېيىن تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر ۋە ئېرىتېرىيە قاتارلىق دۆلەتلەر تىزىلغان.