خىتايدىكى پارتلاشتا 1 ئادەم ئۆلگەن، 8 ئادەم يارىلانغان

چارشەنبە كۈنى، خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسى تەييۈەن شەھىرىدە بىر نەچچە يەردە پارتلاش يۈز بېرىپ 1 ئادەم ئۆلگەن، 8 ئادەم يارىلانغان.

مەزكۇر پارتلاش تيەنئەنمېن ماشىنا ھۇجۇمىدىن كېيىن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يېڭى كۈچەيتىلگەن مەزگىلگە توغرا كەلگەن بولغاچقا، خىتاي جەمئىيىتىدە جىددىيلىك قوزغىغان.

شەنشى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ۋە ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇم چارشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 7 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە يۈز بەرگەن. پارتلاش شەنشى ئۆلكىلىك پارتكوم بىناسى ئالدىدا كۆرۈلگەن.

خىتاي ئاخباراتىغا قارىغاندا، بومبا قولدا ياسالغان بولۇپ، نۆۋەتتە پارتلاتقۇچىنىڭ مەقسىتى ئېنىقلانمىغان.

يەرلىكلەرنىڭ ئاخباراتقا بىلدۈرۈشىچە، بومبىلار يول ياقىسىدىكى گۈللۈككە يوشۇرۇپ قويۇلغان. كىشىلەر، سەككىز قېتىم پارتلاش ئاۋازنى ئاڭلىغانلىقىنى ئېيتىشقان.

بەزى غەرب مەتبۇئاتلىرىدا بۇنىڭ تيەنئەنمېندە يۈز بەرگەن ئۆچ ئېلىش ھۇجۇمىغا خاراكتېر جەھەتتىن ئوخشاش ھۇجۇم بولۇشى مۇمكىنلىكى كۆرسىتىلگەن.

28-ئۆكتەبىر خىتاينىڭ بېيجىڭ شەھىرىدە ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 5 ئادەم ئۆلگەن، 38 ئادەم ئايرىلغان. دائىرىلەر ۋەقەنى ئۇيغۇرلار سادىر قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.