خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى خىتايدىكى يۇقۇم قامالىغا قارشى نامايىشلاردا قولغا ئېلىنغانلارنى سۈرۈشتۈرگەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.12.07

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى 50 كە يېقىن كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى ئورتاق باياناتنامە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى پۇقرالارنىڭ يىغىلىش، نامايىش قىلىش ھوقۇقلىرىغا، پىكىر قىلىش ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان.

بۇ تەشكىلاتلار باياناتىدا ئۆتكەن ھەپتە ئىچىدە ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئەجەللىك ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا ماتەم بىلدۈرۈش ۋە يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش تەدبىرلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن دەسلەپتە ئۈرۈمچىدە قوزغالغان ۋە كېيىن خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىگە كېڭەيگەن تىنچلىق نامايىشلىرىنىڭ باستۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. باياناتتا مۇنۇلار دېيىلگەن:

«بىر قىسىم يەرلىك ھۆكۈمەتلەر نامايىشنى پەسەيتىش ئۈچۈن كارانتىن تەدبىرلىرىنى بوشاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىز خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەملىكەت مىقياسىدىكى نامايىشچىلارغا زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى، قولغا ئېلىۋاتقانلىقىنى ۋە بەزىلىرىنى مەجبۇرىي غايىب قىلىۋاتقانلىقىنى بايقىدۇق. دائىرىلەرنىڭ نامايىشچىلارنىڭ قانۇنىي جەھەتتىن ئۆزىنى قوغدىشىغىمۇ يول قويمايۋاتقانلىقى دىققىتىمىزنى تارتتى. بەزى ئادۋوكاتلار يەرلىك دائىرىلەر تەرىپىدىن بۇ دېلولارنى بىر تەرەپ قىلماسلىق توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇلغان».

بۇ تەشكىلاتلار باياناتىدا خىتاينى ئۆز ئاساسىي قانۇنىدىكى ماددىلارغا ھۆرمەت قىلىشقا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ «قىيىن-قىستاق ۋە باشقا رەھىمسىز مۇئامىلىلەرگە قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسى» غا قول قويغان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا چاقىرغان. شۇنداقلا يەنە، شەخسىي مەخپىيەتلىك، پىكىر ئەركىنلىكى، ئاخبارات، يىغىلىش ۋە تىنچ نامايىش قىلىش دېگەنلەرنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئەڭ تۈپكى ھوقۇقلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

باياناتتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇ نامايىشلاردا قولغا ئېلىنغانلارنىڭ سانى ۋە كىملىكىنى ئاشكارىلاش، ئۇلارنىڭ جىنايىتىنىڭ نېمىلىكىنى ئېنىق بىلدۈرۈش، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ئائىلە ئەزالىرىغا ئۇچۇر بېرىش، ئاخبارات خادىملىرىنى، ئۇچۇر بەرگۈچىلەرنى خالىغانچە قولغا ئېلىشنى توختىتىش تەلەپ قىلىنغان.

ئامېرىكادىكى «خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش» (CHRD) ناملىق تەشكىلات تەييارلىغان يۇقىرىدىكى بۇ باياناتقا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، ئەركىنلىك سارىيى، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق 50 كە يېقىن تەشكىلات ئاۋاز قوشقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.