خىتاي ھۆكۈمىتى «ئىككى يۈزلىمىچى» دەپ تۇتقان ئۇيغۇر زىيالىي ۋە كادىرلىرىنى «تېررورلۇققا» باغلاپ ئەيىبلىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.04.02

خىتاي ھۆكۈمىتى 1-ئاپرېل بىر تەشۋىقات ۋىدېيوسى ئېلان قىلىپ، 2017-يىل باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا «ئىككى يۈزلىمىچى» دەپ تۇتۇلغان ئۇيغۇر كادىرلىرىنى «تېررورلۇققا» ۋە «بۆلگۈنچىلىككە» باغلاپ ئەيىبلىگەن. خىتاينىڭ چەتئەللەرگە قارىتىلغان تەشۋىقات قانىلىCGTN دا تارقىتىلغان «كۆلەڭگۈدىكى ئۇرۇش» ناملىق تەشۋىقات ۋىدېيوسىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ ھازىرغا قەدەر ئىز-دېرىكى بولمىغان بەزى ئۇيغۇر كادىرلىرىنى چىقىرىپ، ئۇلارنى ئاتالمىش «تېررورلۇق»، «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن باغلىنىشلىق بولغان «ئىككى يۈزلىمىچىلىكى» نى ئىقرار قىلدۇرغان.

بۇ ۋىدېيونىڭ غەرب ئەللىرىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغان دۆلەتلەر بارغانسېرى كۆپىيىپ، غەربنىڭ جازاسىغا دۇچ كېلىۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىنىشى دىققەت قوزغىدى. ۋىدېيودا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى شىرزات باۋۇدۇن، مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى ساتتار ساۋۇت، ھۆكۈمەت باش كاتىپى ئالىمجان مەمتىمىن، شۇنىڭدەك شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىنىڭ شەھىدە يۈسۈپ، سۈرەييە مىرقەدەم قاتارلىق تەھرىرلىرىنى سۆزلەتكەن.

ۋىدېيودا شىرزات باۋۇدۇن «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام» پارتىيەسىنىڭ خەلىپىلىك قۇرۇشىغا ماسلاشقان، يازغۇچى يالقۇن روزى، نەشرىياتچى ۋاھىتجان ئوسمان قاتارلىقلار كىتاب تۈزۈپ بەرگەن، ساتتار ساۋۇت، ئالىمجان مەمتىمىن، تاھىر ناسىر، ئابدۇرازاق سايىم قاتارلىق زىيالىيلار بۇ ئىشنى پەردە ئارقىسىدا تۇرۇپ پىلانلىغان، دەپ ئەيىبلەنگەن. بىراق بۇ ۋىدېيو د ۇ ق نىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 1-ئاپرېل ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بۇ كىشىلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كەمسىتىش سىياسىتىنى پەردازلىغانلىقىنى» نى ئېيتقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.