بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى: «خىتاينىڭ قايتا ئېچىلىشى پۇل پاخاللىقىنىڭ پارتلىشىنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن»

ئامېرىكا «بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ 21-يانۋار ئېلان قىلغان بىر ماقالىسىدە، خىتاينىڭ 3 يىللىق كوۋىد يۇقۇمى قامىلىنى بىكار قىلىپ، سىرتقا قايتا ئېچىلىشى پۇل پاخاللىقىنىڭ پارتلىشىنى بىرگە ئېلىپ كېلىشى مۈمۈكىنلىكى بىلدۈرۈلگەن. ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 3 يىللىق كوۋىد قامىلى مەزگىلىدە ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئوخشاش پۇقرالىرىغا بىۋاسىتە پۇل ياردەم قىلمىغان، بەلكى ئۇ نۇقتىلىق شىركەتلەرگە ياردەم بەرگەن بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئۇ ئىشسىزلىقنى كونترول قىلىش، بۇ ئارقىلىق تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقنى ساقلاشنى نىشان قىلىپ، غەرب دۆلەتلىرىدەك پۇل پاخاللىقىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىمىغان بولسىمۇ، بىراق بۇ مەزگىلدە خىتاي پۇقرالىرى ناھايىتى كۆپ پۇل تېجەپ قالغان.

«بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ ئالىي مۇھەررىرى كرىس ئانستېي قەلەمگە ئالغان ماقالىسىدا، خىتاي ئائىلىلىرىنىڭ بانكىدا يىغقان پۇلى، خىتايدا پۇل پاخاللىقىنىڭ پارتلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي يۇقۇم مەزگىلىدە ئامېرىكادەك پۇقرالىرىغا پۇل تارقىتىپ، پۇل پاخاللىقىنىڭ بېسىمىنى پەيدا قىلمىغان بولسىمۇ ۋە بۇ، خىتاي ئۈچۈن ياخشىدەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن ئوخشاش مەزگىلدە خىتاي ئائىلىلىرى 720 مىليارد دوللار پۇل تېجەپ قالغان بولۇپ، خىتاينىڭ قايتا ئېچىلىشى بىلەن ئەگەر خىتاي پۇقرالىرى بۇ پۇلنى خەجلەشكە باشلىسا، خىتايدا پۇل پاخاللىقىنىڭ پارتلىشىنى پەيدا قىلىدىكەن.

كرىس ئانستېي «خىتاينىڭ قايتا ئېچىلىشى 720 مىليارد دوللارلىق پۇل پاخاللىقى بىلەن كېلىدۇ» ماۋزۇلۇق ماقالىسىدە، ياپونىيەدىكى نومۇرا مالىيە شىركىتىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، دوكلاتتا خىتاي ئائىلىلىرىنىڭ يۇقۇم مەزگىلىدە 720 مىليارد دوللار تېجەپ قالغانلىقىنى ھېسابلاپ چىققانلىقىنى بىلدۈرگەن. ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ قايتا ئېچىلىشى خىتاي مەركىزى بانكىسى پۇلغا بولغان كونتروللۇقنى بوشاتقان مەزگىلگە توغرا كەلگەن بولۇپ، بۇ، پۇل پاخاللىقىنىڭ خەۋپىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىكەن.