خىتاينىڭ ۋىرۇس يۇقۇمىغا قارشى قاتتىق قامال قىلىش سىياسىتى، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان

خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ سودا ۋە پۇل-مۇئامىلە مەركىزى بولغان شىڭخەيدە كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمغا قارشى تەدبىر ئېلىش ئۈچۈن پۇقرالارمىڭ ئۆيلىرىگە نەزەربەنت قىلىنىپ، شەھەرنىڭ قاتتىق قامال قىلىنىشى، خىتاي پۇقرالىرىنى جېنىدىن جاق تويغۇزغان ۋە ئۇلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئەسلى قامالنى ئۆتكەن جۈمە، يەنى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى بوشىتىشى كېرەك بولسىمۇ، بىراق كورونا ۋىرۇسىنىڭ داۋاملىق تارقىلىشى بىلەن قامال داۋاملىق ئۇزارتىلغان. خىتاي سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، شاڭخەيدە 3-ئاپرېل يەكشەنبە كۈنى 438 نەپەر رەسمىي يۇقۇمدار، 7780 نەپەر كېسەل ئالامىتى يوق يۇقۇمدار بايقىلىپ، ئالدىنقى كۈندىكىدىن كۆپەيگەن.

ئوخشاش بىر ۋاقىتتا يەنە خىتاينىڭ جىلىن ئ‍ۆلكىسىدىمۇ يۇقۇمدارلار داۋاملىق كۆپىيىپ، 3-ئاپرېل كۈنى رەسمى دىياگنوز قويۇلغان ۋە كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇمدارلاردىن 4450 كىشى بايقالغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە نۇپوسى 24 مىليونلۇق شاڭخەي شەھىرىدە ئىككى باسقۇچلىق قامال قىلىشنى يولغا قويغان ئىدى. دائىرىلەر پۇقرالارنىڭ شەرقىي پۇدوڭ رايونىدا ئۆتكەن جۈمە كۈنىدىن باشلاپ سىرتقا چىقىشىغا يول قويۇدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، لېكىن رايوندا يېمەكلىك يەتكۈزۈپ بېرىش، دورا ۋە سەھىيە مۇلازىمەتلىرىدىن شىكايەت قىلىۋاتقان مىليونلىغان پۇقرانى داۋاملىق نەزەربەنت قىلغان.

شاڭخەي ئاھالىسىنىڭ چەت ئەل تاراتقۇلىرىغا ئاشكارلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 3-ئاپرىلدىن باشلاپ شاڭخەيگە خىتاينىڭ ھەر قايسى ئۆلكىلىرىدىن قوراللىق ساقچى قىسىملىرى ۋە تىببىي خادىملارنى كۆپلەپ يۆتكەپ كېلىشكە باشلىغان. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە شى جىنپىڭنىڭ «نۆل كورونا ۋىرۇسى» ئىستېراتىگىيەسى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ تېخىمۇ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا، شۇنداقلا بۇ سىياستتىن ۋاز كېچىش چاقىرىقلىرى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە ئىكەن.