ئامېرىكا خىتايدىن كېلىدىغان يولۇچىلارغا كوۋىد سىنىقى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

2022.12.29

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچ يىلدىن بېرى يولغا قويۇۋاتقان «يۇقۇمنى نۆلگە چۈشۈرۈش» سىياسىتى مەغلۇب بولۇپ، يۇقۇم تەدبىرلىرىنى بىراقلا بوشاتقاندىن كېيىن، خىتايدا كورونا ۋىرۇسى قايتىدىن يامراشقا باشلىغان. شۇنداق بىر پەيتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چىگرانى ئېچىپ، پۇقرالارنىڭ چەت ئەل ساياھەتلىرىنى ئەسلىگە كەلـتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىشى، ھەرقايسى دۆلەتلەردە 2020-يىلىدىكى دۇنيا خاراكتېرلىق كوۋىد يۇقۇمىنىڭ قايتا تەكرارلىنىپ قېلىشىدەك ئەندىشىنى پەيدا قىلماقتا.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 28-دېكابىر چارشەنبە كۈنى، خىتايدىن كېلىدىغان ساياھەتچىلەرگە چىگرادىن چىقىشتىن ئەڭ كۆپ دېگەندە ئىككى بۇرۇن كوۋىد سىنىقى قىلىش ۋە نەتىجىسىنىڭ مەنپىيلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ئىسپات قەغىزى بولۇش تەدبىرى قويغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ تەدبىر پەقەت خىتايدىن بىۋاستە ئۇچىدىغان ئايروپىلانلاردىكى ساياھەتچىلەرگىلا ئەمەس بەلكى يەنە خوڭكوڭ، ماكاۋدىن بىۋاستە ئۇچىدىغان ھەمدە سېئۇل، تورونتو ۋە ۋانكوۋېر قاتارلىق ئۈچىنچى دۆلەتلەر ئارقىلىق ئۇچىدىغان ئايروپىلانلاردىكى ساياھەتچىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا بۇنىڭ بىلەن خىتاي ساياھەتچىلەرگە چەكلىمە قويغان 5-دۆلەت بولۇپ قالغان. مەزكۇر بەلگىلىمە 5-يانۋار كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدىكەن.

ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە خىتاينىڭ چاغان بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن مىليونلارچە خىتاي ساياھەتچىنىڭ چەت ئەللەرگە ساياھەتكە چىقىشى مۆلچەرلىنىۋاتقان بىر پەيتتە ئىتالىيە، ياپونىيە، تەيۋەن، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلار دەرھال تەدبىر قوللىنىپ، خىتاي ساياھەتچىلەرگە چىگرادىن چىقىشتىن بۇرۇن چوقوم كوۋىد سىنىقى قىلىش شەرتى قوشقان ئىدى.

ئەنگىلىيەنىڭ «ئاسمان» خەۋەرلەر تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىتالىيە بۇ تەدبىرنى ئىجرا قىلىشقا باشلىغان بىرىنچى كۈنى، يەنى 28-دېكابىر چارشەنبە كۈنى خىتايدىن ئىتالىيەنىڭ مىلان شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن ئىككى يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ھەر ئىككىسىدىكى يولۇچىلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ چىققان.

CNN تېلېۋىيەزىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكادىكى سەھىيە تارماقلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىممۇ خىتايدىكى كورونا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ھەققىدىكى سانلىق مەلۇماتلاردا ئوچۇق-ئاشكارا بولمايۋاتقانلىقىنى، خىتايدا ھازىر تارقىلىۋاتقان كورونا ۋىرۇسىنىڭ ۋاريانتى ھەققىدىمۇ ئىشەنچىلىك مەلۇمات يوقلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇڭا ئۇلار خىتاي ساياھەتچىلەرگە تەدبىر قويۇش ئارقىلىق ھېچ بولمىغاندا ۋىرۇسنىڭ ۋاريانتىنى بالدۇرراق ئېنىقلاپ چىقىپ، تەدبىر قوللىنىشنى كۆزلىمەكتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.