ۋولمارتنىڭ خىتايدىكى بازىرىدىن «شىنجاڭ ماللىرى» نى يىغىۋېتىشى خىتايدا غۇلغۇلا قوزغىغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.12.27

24-دېكابىر كۈنى ئامېرىكانىڭ ئەڭ چوڭ پارچە سېتىش زەنجىرى بولغان ۋولمارت ۋە سامس كۇلۇبنىڭ خىتايدىكى تور بازارلىرىدىن «شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرى» يىغىۋېتىلگەن. بۇ ئەھۋال خىتايدىكى مىللەتچى تور قوللانغۇچىلىرىنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان بولۇپ، ئۇلار سامس كۇلۇبنىڭ ئەزالىق كارتىنى قايتۇرۇۋېتىدىغانلىقى توغرىسىدا داۋراڭ سالغان. مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە «شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرى» خەلقئارادا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ سىمۋۇلىغا ئايلىنىپ قالغاچقا، ئۇنىڭغا ئالاقىدار ھەرقانداق بىر پوزىتسىيە خىتاي دائىرىلىرىنى ياكى خىتاي مىللەتچى تور قوللانغۇچىلىرىنى بىئارام قىلىدىغان مەسىلە بولۇپ قالغان.

رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 24-دېكابىر روژدېستۋا بايرىمى ھارپىسى كۈنى ۋولمارت ۋە سامس كۇلۇبنىڭ خىتايدىكى تور بازىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىر قانچە يەرلىك مېۋە مەھسۇلاتلىرىدىن باشقا مەھسۇلاتلىرى چىقىرىۋېتىلگەن. رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئەھۋال خىتاي تور قوللانغۇچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

خەۋەردە، نۇرغۇن خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ بۇ ھەقتىكى شىكايەتلىرىنى خەۋەر قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىستېمالچىلار سامس كۇلۇبنىڭ تورىغا كىرىپ، «شىنجاڭ» دېگەن خەتنى كىرگۈزگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭدىن پەقەت «قۇمۇل قوغۇنى»، «شىنجاڭ چىلانى»، «شىنجاڭ ئۈرۈكى» دېگەن بىر قانچە مەھسۇلاتلا چىققان. باشقا مەھسۇلاتلارنى ئ‍ىزدىسە «كەچۈرۈڭ، سىز ئىزدىگەن مەھسۇلات تېپىلمىدى» دېگەن جاۋابقا ئېرىشكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي تور قوللانغۇچىلىرى ۋولمارت بىلەن سامس كۇلۇبقا تېلېفون قىلىپ، ئۇلاردىن نېمە ئۈچۈن «شىنجاڭ مەھسۇلاتلىرى» نى چىقىرىۋەتكەنلىكىنى سورىغان. ۋولمارت بىلەن سامس كۇلۇب بۇنىڭغا يۇقۇم سەۋەب بولغانلىقى، كېيىنرەك يەنە بازارغا سېلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.