2017-يىلى خىتايدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرزى ئىككى ھەسسىدەك كۆپەيگەن

بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ 18-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتايدىكى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۆتكەن يىلىدىكى قەرزى ئىككى ھەسسىگە يېقىن كۆپەيگەن. گەرچە بېيجىڭ دائىرىلىرى جىددىي تەدبىر قوللىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارغانسېرى ئېشىۋاتقان قەرز سوممىسىنى ئەڭ زور دەرىجىدە كونترول قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما دۇنيادا ئىككىنچى زور ئىقتىسادىي كۈچ سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان خىتايدا يېقىن كەلگۈسىدە يۈز بەرگۈسى ئىقتىسادىي بۆھراننىڭ شەپىلىرى كۆرۈلمەكتىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي مالىيە مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي يەرلىك ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئالدىنقى يىلىدىكى ئومۇمىي قەرز سوممىسىنىڭ 16 تىرىليون 47 مىليارد يۈەن (2 تىرىليون 56 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى) بولغانلىقىنى، يەنى 7. 5 پىرسەنتلىك ئۆسۈش نىسبىتى بىلەن ئىككى ھەسسىگە يېقىن قاتلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئېچىلغان خىتاي ئىقتىسادىنى ماكرولۇق جەھەتتىن پىلانلاش يىغىنىدا گەرچە بېيجىڭ دائىرىلىرى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ يىلدىن يىلغا ئېشىۋاتقان قەرز سوممىسىنى ئەڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنگە چۈشۈرىدىغانلىقىنى جار سالغان بولسىمۇ، ئەمما 2018-يىلىدا ھۆكۈمەت قەرزىنىڭ داۋاملىق ئاشىدىغانلىقىنىمۇ رەت قىلمىغان.

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئۇچقاندەك ئۆسۈشى 2014-يىلىدىن بۇيان بىر ئىزدا توختاپ قالغان، ھەتتا تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن. ئىقتىسادشۇناسلار، ئەگەردە خىتاي ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە پۈتۈن ئۈمىدىنى باغلىغان «بىر يول، بىر بەلۋاغ» ئىستراتېگىيىسى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدىغان بولسا، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ پاتقاققا پېتىشى مۇقەررەر يۈزلىنىش بولۇپ قالىدۇ، دەپ ھېسابلىماقتا.