يەنىمۇ كۆپ دۆلەتلەر خىتايدىكى ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرلىرىنى يۆتكەش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا

ياپونىيە 2 مىليارد 200 مىليون دوللارلىق ئىقتىسادىي ياردەم ئاجرىتىپ، ياپونىيە شىركەتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى خىتايدىن يۆتكىشىگە ياردەم بەرگەن.

«بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، تاجسىمان ۋىرۇس ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تەمىنلەش زەنجىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتكەن. بۇنىڭ بىلەن ياپونىيە 2 مىليارد 200 مىليون دوللارلىق ئىقتىسادىي ياردەم مەبلىغى ئاجرىتىپ، ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى خىتايدىن يۆتكىشىگە ياردەم بەرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيە يەنە قوشۇمچە مەبلەغ ئاجرىتىپ، ئىشلەپچىقىرىشنى ياپونىيەگە قايتۇرغان شىركەتلەرگە 2 مىليارد دوللار ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى باشقا دۆلەتلەرگە يۆتكىمەكچى بولغان شىركەتلەرگە 200 مىليون دوللاردىن ئارتۇق مەبلەغ ياردىمى قىلىشنى پىلان قىلغان.

خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن تارقالغان تاجسىمان ۋىرۇس دۇنياۋى ۋاباغا ئايلىنىپ، زور ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي زىيانلارنى پەيدا قىلغاندىن كېيىن ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرلىرىنى خىتايدىن يۆتكەپ كېتىش مەسىلىسى نۆۋەتتىكى مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

فوكس تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي ئىشلار مەسلىھەتچىسى پىتىر ناۋاررو بۇندىن كېيىن ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرلىرىنى تەدرىجىي ھالدا ئامېرىكاغا قايتۇرۇپ كېلىش ياكى ئۇنى خىتايدىن باشقا دۆلەتلەرگە يۆتكەش لازىملىقىنى تەكىتلىگەن. بولۇپمۇ ئۇ ئامېرىكانىڭ خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان دورىلارغا قاراشلىق بولۇشتەك ۋەزىيەتكە دەرھال خاتىمە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىز بۇ يۇقۇم ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇيقۇمىزنى ئاچمىساق بولمايدۇ،» دەپ ئەسكەرتكەن.

«سامسۇڭ» شىركىتى بولسا 2019-يىلىدىن باشلاپلا ئۆزىنىڭ خىتايدىكى تېلېفون ئىشلەپچىقىرىدىغان زاۋۇتلىرىنى تاقاشنى باشلىغان بولۇپ، 10-ئايدا خىتايدىكى ئاخىرقى زاۋۇتىنى تاقىغان ئىكەن.