خىتاي مىليونېرلىرى خىتايدىن قېچىشنىڭ يوللىرى ئىزدىمەكتە

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2025.01.08

باش ئىشتابى لوندوندىكى خەلقئارا مەبلەغ سالغۇچى كۆچمەنلەر مۇلازىمىتى شىركىتى «ھېنلېي شېرىكچىلىكى» (Henley & Partners) تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 2024-يىلدا باشقا دۆلەتلەرگە كۆچمەن بولۇشنى پىلانلىغان خىتاي بايلىرىنىڭ سانى 15 مىڭ 200 گە يەتكەن.

«ئەلجەزىرە» قانىلىنىڭ 8-يانۋار بەرگەن بۇ خەۋىرىدە، بىر نەچچە يىل بۇرۇن خىتاينى تاشلاپ چەت ئەلدە ماكانلاشقان خىتاي بايلىرى زىيارەت قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پۇل تاپقان خىتاي بايلىرىنىڭ كۆپىنچىسى خىتاينىڭ كەلگۈسىدىكى مائارىپ، سەھىيە، داۋالىنىش، سۇغۇرتا ئىشلىرىغا ئۈمىدسىز قارايدىكەن. ئەڭ مۇھىمى، ئۇلار مىليونلاپ تاپقان پۇللىرىنى خىتاي بانكىسىدا قويۇشتىن قورقىدىكەن، پۇللىرىنى چەت ئەل بانكىلىرىغا، ھېچبولمىغاندا، خوڭكوڭ بانكىلىرىغا قويسا خاتىرجەم بولىدىكەن. يەنە كېلىپ شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ «چىرىكلىككە زەربە بېرىش» باھانىسىدە، تۇيۇقسىزلا خىتايدىكى يۇقىرى تېخنىكا، پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدىكى داڭدار شەخسلەرنى ئۇجۇقتۇرۇپ، بىر كېچىدىلا ۋەيران قىلىۋېتىشى خىتايدىكى مىلياردېر ۋە مىليونېرلارنى ساراسىمىگە سېلىۋەتكەن.

خىتاينىڭ يېقىنقى 10 يىلدىن بۇيان ئىقتىسادىي چۆكۈش دەۋرىگە كىرگەنلىكى، ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ كاساتلىشىپ، ئۆي باھاسىنىڭ 8 پىرسەنت چۈشكەنلىكى، ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ بىراقلا ئۆرلەپ، 17 پىرسەنتكە يەتكەنلىكى مەلۇم بولغانىدى. بۇ ھال خىتاي بايلىرىنىڭ خىتاينىڭ كەلگۈسىنىڭ پارلاق بولۇشىغا ئىشەنمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان خىتاي بايلىرى خىتاي جەمئىيىتىنىڭ، جۈملىدىن خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئىشەنچسىزلىككە تولغان داۋالغۇش دەۋرىگە كىرگەنلىكىنى، شۇڭا ئۆزلىرىنىڭ شىركەت-زاۋۇتلىرى، مال-بايلىقىنى چەتئەلگە يۆتكەپ كېتىشنىڭ ئەڭ ياخشى چىقىش يولى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

«ھېنلېي شېرىكچىلىكى» نىڭ 2024-يىللىق دوكلاتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، 2024-يىل خىتاي بايلىرىدىن 13 مىڭ 800 كىشى ئۆز بايلىقىنى چەت ئەلگە يۆتكىيەلىگەن بولۇپ، 2022-يىلىغا باققاندا 28 پىرسەنت ئۆرلىگەن. 2025-يىلىغا بارغاندا، بۇ ساننىڭ 15 مىڭ 200 گە يېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي بايلىرىنىڭ چەت ئەلگە قېچىشى خىتاي ئىقتىسادىنىڭ چۆكۈشىنى تېخىمۇ تېزلەشتۈرىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا جىددىي تەدبىر قوللانغان بولۇپ، ئىلگىرى ھەر بىر خىتاي پۇقراسى يىلىغا 50 مىڭ دوللارنى چەتئەلگە سالالىغان بولسا، ھازىر 50 مىڭ يۈەن (7 مىڭ دوللار) دىن ئارتۇق پۇلنى چەتئەلگە سېلىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا مەلۇم قىلىش بەلگىلىمىسىنى چىقارغان. شۇنداقتىمۇ خىتاي بايلىرى ھەر خىل ئاماللارنى تېپىپ، ئۆز بايلىقىنى قۇتقۇزۇشقا مۇۋەپپەق بولالىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.