«نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى ئېدۋارد ۋاڭ دۈشەنبە كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ خىتايدا تۇرغان 10 يىللىق مۇخبىرلىق ھاياتىدىكى تەسىرات ۋە چۈشەنچىلىرىنى يېزىپ چىقتى. ئېدۋارد ۋاڭ «خىتاي ئىمپېرىيەسىنىڭ قايتا تۇغۇلۇشى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «خىتاينىڭ ھازىرقى كومپارتىيە ئىمپېرىيەسى بىر زوراۋان كۈچنىڭ مەسئۇلى» ئىكەن.
ئېدۋارد ۋاڭ 2008-يىلى «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرلىقىغا ئەۋەتىلگەن. ئۇ بۇ جەرياندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا بېرىپ خىتاي ھازىرقى سىياسىتى، ئۇيغۇرلار ھاياتى، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي بېسىملار ھەققىدە نۇرغۇن ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. ئېدۋارد ۋاڭ ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا خىتايدىكى مۇخبىرلىق خىزمىتىدىن ئايرىلىپ ئامېرىكىغا قايتقان ئىدى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئېدۋارد ۋاڭنىڭ 10 يىل بۇرۇنقى خىتاي ھەققىدىكى چۈشەنچىسى بىلەن ئۇنىڭ ئوي پىكىرىدە زور ئۆزگىرىش بولغان. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «مەن بۇرۇن نۇرغۇن كىشىلەرگە ئوخشاش خىتاي يېڭى بىر ئىدىيەنىڭ يولىنى يەنى ھاياتلىق كۈچىگە تولغان يېڭى بىر قىممەت قارىشى، يېڭى بىر مەدەنىيەتنىڭ يولىنى ئاچتى، دەپ ئويلايتتىم. بۇ ئۇنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەتلىك ئورنىغا ئۇيغۇن دەۋر بولۇش بىلەن بىرگە، ئۆزىگە ئىشەنگەن، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن باسقۇچقا قاراپ ماڭىدۇ، دەپ ھېسابلايتتىم. بىراق ئۆتكەن يىلى مېنىڭ خىتايدىكى خىزمىتىم ئاخىرلىشىش بىلەن تەڭ، مېنىڭ بۇ قارىشىم ئۆزگەردى.»
ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، «ھازىرقى خىتاي يېڭى ئىمپېرىيەسى ئۇ تەرغىب قىلىۋاتقان خىتاي ئىدىيەسى ياكى زامانىۋى مەدەنىيىتىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنىڭ مەھسۇلى ئەمەس، بەلكى كومپارتىيەنىڭ ئىقتىسادى تەھدىتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قاتتىق قول كۈچىنىڭ مەھسۇلى» ئىكەن. ئېدۋارد ۋاڭ ئۇيغۇرلارنى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، زوراۋانلىق ۋە باستۇرۇشنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئايلانما خاراكتېرلىك جىددىي ۋەزىيەت پەيدا قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئېدۋارد ۋاڭ خىتايدىكى ئاخىرقى خىزمەت سەپىرىدە قەشقەرنى زىيارەت قىلغان. ئۇ ماقالىسىدە ئۆزىنىڭ قەشقەر سەپىرىنى تەسۋىرلەپ، «خىتايدىكى ئاخىرقى زىيارەت سەپىرىم يىپەك يولىدىكى بوستانلىق قەشقەرگە بولدى. بۇ يەردىكى زىيارىتىمدە قولىدا زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش سايمانلىرىنى كۆتۈرۈۋالغان ساقچىلارنىڭ بىرقانچە ئۇيغۇر ياشنى قورشىۋالغانلىقىنى كۆردۈم» دەپ تەكىتلىگەن.