ئامېرىكانىڭ خىتايغا يۈرگۈزگەن تاموژنا بېجى جازاسى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى
2025.02.04
ئامېرىكانىڭ ترامپ ھۆكۈمىتى كانادا بىلەن مېكسىكاغا يۈرگۈزگەن 25 پىرسەنت تاموژنا بېجىنى ئىجرا قىلىشنى ۋاقىتلىق توختىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتايغا فېنتانىل سەۋەبىدىن يۈرگۈزگەن 10 پىرسەنت تاموژنا بېجىنى 4-فېۋرالدىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىشقا باشلىغان.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ مېكسىكادىكى زەھەرلىك چېكىملىك گۇرۇھلىرىنىڭ فېنتانىل ئىشلەپچىقىرىشىنى خۇرۇچ بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاساسلىق مەنبە ئىكەنلىكىنى بايقىغان. پىرېزىدېنت ترامپ 20-يانۋار ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ ئارقىدىنلا مېكسىكا بىلەن كاناداغا 25 پىرسەنت، خىتاي، مەھسۇلاتلىرىغا 10 پىرسەنت باج قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. پىرېزىدېنت ترامپ، مەقسىتىنىڭ بۇ ئارقىلىق، خىتاينىڭ فېنتانىلنىڭ ئامېرىكاغا كىرىشىنى چەكلەش ئۈچۈن ھەرىكەت قوللىنىشى ھەققىدە بېسىم قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. ترامپ: «خىتاينىڭ بىزگە فېنتانىل يوللاشنى توختىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئەگەر ئۇلار توختاتمىسا، تاموژنا بېجى كۆرۈنەرلىك مىقداردا ئارتىدۇ» دېگەنىدى.
لېكىن خىتاي، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ تاموژنا بېجى قارارى 4-فېۋرال ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان ھامان، ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. CNN نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي مالىيە مىنىستىرلىقى ئامېرىكانىڭ كۆمۈر ۋە سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز مەھسۇلاتلىرىغا 15 پىرسەنت، خام نېفىت، دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى، چوڭ تىپلىق ئاپتوموبىل ۋە يۈك توشۇش ماشىنىلىرىغا 10 پىرسەنت باج قويىدىغانلىقى، بۇنىڭ 10-فېۋرالدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاي سودا مىنىستىرلىقى ۋە تاموژنا ئىدارىسى 4-فېۋرالدىن باشلاپ ئامېرىكاغا 20 نەچچە خىل مېتال مەھسۇلاتى ۋە مۇناسىۋەتلىك تېخنولوگىيەگە ئېكسپورت چەكلىمىسى قويىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئېكسپورت چەكلىمىسى سانائەت ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى ئۈچۈن ھالقىلىق بولغان ۋولفرام، شۇنداقلا قۇياش ئېنېرگىيەسى باتارېيەسىگە ئىشلىتىدىغان تېللېي قاتارلىق ماددىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. ئامېرىكا 4-فېۋرال خىتاي ماللىرىغا 10 پىرسەنت باج قويۇشنى رەسمىي ئىجرا قىلىشنىڭ ھارپىسىدا، يەنى 3-فېۋرال ئاقساراينىڭ باياناتچىسى كارولىن لېۋىت (Karoline Leavitt)، ترامپنىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفوندا سۆزلىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان. رويتېرسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەزىيەتتىن خەۋەردار ئەربابلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ترامپ بىلەن تاموژنا بېجىنى كېچىكتۈرۈش ياكى توختىتىش توغرىلىق بىر كېلىشىم ھاسىل قىلىشنىڭ يولىنى قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.