«جەنۇبى خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى سەۋەبىدىن خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارىتىلغان جازا تەدبىرلىرىنى يېڭىلاشنى پىلانلىغان.
بۇ يىل 22-مارت كۈنى ئامېرىكا، كانادا، ئەنگلىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىرلىكتە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق بولغان شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتكومىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ جۈنجېڭ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىنىڭ نازىرى چېن مېڭگۇ ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سابىق سېكرېتارى جۇ خەيلۇن قاتارلىق 6 نەپەر خىتاي ئەمەلدارلىرىغا «يەر شارى ماگنېتىسكىي قانۇنى» بويىچە جازا تەدبىرى ئىلان قىلغان ئىدى.
خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ جازا تەدبىرلىرى بۇ يىل 6-ۋە 7-دېكابىر كۈنلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي سىياسىي، سەھىيە ۋە ئىستېمال ئىشلىرى مىنىستىرلىكلىرى يىغىنىدا قايتا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ ئۇنى يېڭىلاش ئۈستىدە مۇزاكىرە بولىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، بۇ جازا تەدبىرىنىڭ ئاشۇ يىغىنىدا تەستىقلىنىشىدىن ئۈمىد زور ئىكەن.