دونالد ترامپ خىتاينىڭ فېنتانىل ۋە قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئېقىنىغا قارشى خىتاي ماللىرىغا قوشۇمچە 10 پىرسەنت باج قويىدىغان بولدى
2024.11.26
ئامېرىكانىڭ يېڭى سايلانغان پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ۋەزىپىگە ئولتۇرغان كۈنى خىتاينىڭ فېنتانىل ۋە قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئېقىنىغا قارشى خىتاي ماللىرىغا قوشۇمچە 10 پىرسەنت باج قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نۆۋەتتە ترامپنىڭ مەسلىھەتچىلىرى فېنتانىل مەسىلىسىدە خىتايغا پىرېزىدېنت جوۋ بايدېندىن تېخىمۇ قاتتىق قول بولۇشنى تەشەببۇس قىلماقتىكەن. دونالد ترامپ 25-نويابىر ئۆزىنىڭ «ھەقىقەت» ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، خىتاي ماللىرىغا قوشۇمچە 10 پىرسەنت باج قويۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە مېكسىكا ۋە كانادادىن كىرگەن ماللارغا 25 پىرسەنت باج قويىدىغانلىقىنى ئېيتقان. نۆۋەتتە، دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ فېنتانىل ۋە قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئېقىنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى قەيت قىلماقتا. ئۇ «ھەقىقەت» سۇپىسىدىكى ئۇچۇرىدا، «تاموژنا بېجى زەھەرلىك چېكىملىك، بولۇپمۇ فېنتانىل ۋە قانۇنسىز چەت ئەل كۆچمەنلىرىنىڭ دۆلىتىمىزگە ئېقىپ كىرىشى توختىغۇچە داۋاملىشىدۇ» دېگەن.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ بۇرۇن خىتاي بىلەن زەھەرلىك چېكىملىكنىڭ، بولۇپمۇ فېنتانىلنىڭ زور مىقداردا ئامېرىكاغا يوللىنىشى ھەققىدە كۆپ قېتىم سۆزلەشكەن بولسىمۇ، ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمىغان. كېلەر يىلى 20-يانۋار كۈنى رەسمىي ۋەزىپىگە ئولتۇرىدىغان تارمپ مۇنداق دېگەن: «خىتاي ۋەكىللىرى ماڭا بۇ ئىشتا قولغا چۈشكەن زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىگە ئەڭ ئېغىر جازا، يەنى ئۆلۈم جازاسى بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەپسۇسكى، ئۇلار ھېچقاچان ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىدى.»
خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ 2023-يىلى 11-ئايدا سان-فرانسىسكودا پىرېزىدېنت بايدېن بىلەن كۆرۈشكەندىمۇ فېنتانىلغا قارشى پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان. ئەينى ۋاقىتتا بايدېن ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى سەۋەبىدىن ئېمبارگو قويۇلغان خىتاي ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ئەدلىيە ئىنستىتۇتىنى قارا تىزىملىكتىن چىقارغانىدى. ترامپ، مېكسىكا بىلەن كانادانىڭ ئۇزۇندىن بېرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ھوقۇقلۇق ھەم ئۇنىڭ بۇنى ئاسانلا ھەل قىلىشقا كۈچى يېتىدىغانلىقى، لېكىن «بۇ قېتىم ئۇلارنىڭ بۇ كۈچىنى ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى، لېكىن شۇنىڭغىچە ئۇلارنىڭ چوڭ بەدەل تۆلەش ۋاقتى كەلگەنلىكى» نى ئېيتقان. بىراق، خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى 25-نويابىر بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، «ھېچكىمنىڭ سودا ئۇرۇشى ياكى تاموژنا بېجى ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلالمايدىغانلىقى» لىقىنى بىلدۈرگەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى ليۇ پېڭيۈ، خىتاينىڭ فېنتانىل ماتېرىياللىرىنىڭ ئامېرىكاغا ئېقىپ كىرىشىگە قەستەن يول قويغانلىقىغا دائىر پىكىرلەرنىڭ «پاكىت ۋە رېئاللىققا پۈتۈنلەي ئۇيغۇن ئەمەسلىكى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.