ئامېرىكا، ياپونىيە ئۇرۇش پاراخوتلىرى جەنۇبىي دېڭىزدا فىلىپپىن قىسىملىرىغا قوشۇلۇپ، خىتايغا كۈچ كۆرسەتكەن
2024.04.08
ئامېرىكا، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە ئۇرۇش پاراخوتلىرى 7-ئاپرېل كۈنى جەنۇبىي دېڭىزدا فىلىپپىن قىسىملىرىغا قوشۇلۇپ، خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى فىلىپپىنغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان تەھدىتلىرىگە قارىتا ئورتاق چارلاش ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان.
ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى ئىنستىتۇتى تورىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 7-ئاپرېل كۈنى ئامېرىكا، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە ۋە فىلىپپىننىڭ 6 دانە ئۇرۇش پاراخوتى بىلەن 4 ئۇرۇش ئايروپىلانى جەنۇبىي دېڭىزدا ئورتاق چارلاش ھەرىكىتىنى باشلىغان. بۇ تۆت دۆلەتنىڭ ئورتاق چارلاش ھەرىكىتى خىتاينىڭ فىلىپپىن دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ رايوندىكى ئارقا سەپ تەمىنلەش پائالىيەتلىرىگە ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشىنىڭ ئارقىسىدىن باشلانغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. بۇنىڭ ئالدىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېن خىتاينى ئۇنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا فىلىپپىن پاراخوتلىرىغا «قوراللىق» ھۇجۇم قىلىشى، ئامېرىكا-فىلىپپىن ئورتاق مۇداپىئە شەرتنامىسىنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرغانىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندىن بېرى خىتاينىڭ دېڭىز ساھىلى چارلاش قىسىملىرى ۋە دېڭىز قوراللىق ئەترەتلىرى فىلىپپىن دېڭىز ئىقتىسادىي رايونلىرىدا سۇ ناسوسى ئىشلىتىش، قامال قىلىش مانېۋىرى ئېلىپ بېرىش، يىراق مۇساپىلىك رادىيو دولقۇنلىرى ئۈسكۈنىسى ئورۇنلاشتۇرۇش، فىلىپپىن كېمىلىرىنى سوقۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، فىلىپپىنغا قارىتا ئىغۋاگەرچىلىكنى بارغانچە كۈچەيتكەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى فىلىپپىنغا ئۇنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق دائىرىسىدىكى بىر ئارالدا مۇقىم ھەربىي ئۇل ئەسلىھەسى قۇرۇشىغا قارشى رەسمىي تەھدىت سېلىپ، بۇ رايوندىكى «زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقىنى قەتئىي قوغدايدىغانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا بىلەن فىلىپپىننىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى تۇنجى ئورتاق چارلاش پائالىيىتى ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، لېكىن 7-ئاپرېل ئېلىپ بېرىلغان چارلاش كۆپ دۆلەت قىسىملىرىنىڭ تۇنجى قېتىملىق چارلاش ھەرىكىتى بولغان، شۇنداقلا بۇنىڭغا ياپونىيە تۇنجى قېتىم قاتناشقان. «مالىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فىلىپپىن، ياپونىيە ۋە ئامېرىكا بۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرلىرى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزىدىغان ئۈچ تەرەپلىك ئۇچرىشىشىدا، بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكچى ئىكەن.