ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپنىڭ باش ئىقتىسادى مەسلىھەتچىسى دۈشەنبە كۈنى پرېزىدېنتنىڭ سودا مەسىلىسىدە خىتايغا قارشى خەلقئارا ئىتتىپاق قۇرۇشقا مايىل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ سۆزلەرنى ئاق ساراي دۆلەتلىك ئىقتىسادى كېڭىشىنىڭ دىرېكتورى لارىي كۇدلوف ئامېرىكا چنبچ تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ھەقتىكى بىر سوئالغا جاۋاب بەرگەندە قىلغان.
ئۇ، پرېزىدېنت ترامپنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا مەسىلىسىدە ياۋروپا ئىتتىپاقى، ياپونىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشنى ئويلىشىۋاتامدۇ، دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ، «پرېزىدېنتنىڭ ئىتتىپاق قۇرۇشقا مايىللىقى بار.
ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ پىكىرىنى ئېنىق ئىپادىلەپ باقمىدى. لېكىن ئۇنىڭ شۇنداق قىلىشقا مايىللىقى بار» دېگەن.
پرېزىدېنت ترامپ يېقىندا خىتاينىڭ 60 مىليارد دوللارلىق ئېكسپورت مەھسۇلاتىغا تاموژنا بېجى قويۇپ، ئۇنىڭ ئامېرىكا ئەقلىي مۈلكىنى ئوغرىلاش قىلمىشلىرىنى جازالايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئارقىدىنلا ئۇ يەنە خىتاينىڭ 100 مىليارد دوللارلىق ئېكسپورت مەھسۇلاتىغا تاموژنا بېجى قويۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن پرېزىدېنت ترامپ يەكشەنبە كۈنى ئىككى تەرەپنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئىختىلاپىنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشى كېرەك، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دۈشەنبە كۈنى پرېزىدېنت ترامپنىڭ سۆزىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ «مەۋجۇت شارائىتتا» سۆھبەت ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ، ئامېرىكىنى ئەيىبلەپ، ئامېرىكا-خىتاي سودا ئىختىلاپىنى پۈتۈنلەي ئامېرىكىنىڭ «قۇتراتقۇلۇق ھەرىكىتى» پەيدا قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئۇ، «ھازىرقى شارائىتتا ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبەت ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن ئەمەس» دېگەن. لېكىن پرېزىدېنت ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ئامېرىكا شىركەتلىرىنى تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبۇرلاپ، ئامېرىكا كارخانىلىرىنى مىلياردلارچە دوللارلىق زىيانغا ئۇچرىتىپ كەلگەن.