خىتايغا تاقابىل تۇرۇشتا ئامېرىكا ۋە ياپونىيە سودا دىپلوماتىيەسىنى يولغا قويماقچى
2022.08.02
خىتاينىڭ بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان تەھدىتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ بۇندىن كېيىن سودا دىپلوماتىيەسى شەكلىدە داۋام قىلىدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 1-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۆزەك (chip)، باتارېيە ۋە ئېنېرگىيە نۆۋەتتە ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى يېڭى ھەمكارلىقنىڭ ئەڭ تۈپ تېمىلىرى بولۇپ، بۇ جەھەتتىكى تەمىنلەش زەنجىرىدە خىتايغا تايىنىپ قالماسلىق ياكى بۇ خىل تايىنىپ قېلىشنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈش بۇنىڭدىكى ئاخىرقى مەقسەت ئىكەن. 29-ئىيۇل كۈنى ئىككى تەرەپ ئىمزالىغان قوشما باياناتتا بۇ مەسىلە ئالاھىدە ئورۇن ئالغان.
ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ ياپونىيەگە ئەۋەتىلگەن باش ئەلچىسى رام ئېمانيۇل (Rahm Emanuel) 2022-يىلىنىڭ بېشىدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان مۇشۇ خىل «سودا دىپلوماتىيەسى» نى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك ئۈچۈن مۇھىملىقىنى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان. نەتىجىدە يېقىندا ئامېرىكا شىركەتلىرى كەلگۈسىدىكى ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتلىرىنى ياپونىيەگە قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرمەكتىكەن. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا باش ئەلچى رام «سودا دىپلوماتىيەسى ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى ۋە ماسلىشىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم قەدەم» دېگەن. بۇنىڭغا جاۋابەن «تېسلا» (Tesla) شىركىتىنى باتارېيە بىلەن تەمىنلەشنى ئۈستىگە ئالغان «پاناسونىك» (Panasonic) شىركىتى يېڭى باتارېيە زاۋۇتىنى كانزاس شتاتىغا قۇرۇش ھەققىدە قارار ئالغان.
مەلۇم بولۇشىچە بۇ خىلدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق خىتاينىڭ ئىقتىسادىي قۇۋۋىتىنى دەستەك قىلىپ سىياسىي جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرۈشنى كۆزلەۋاتقان زومىگەرلىكىگە قاقشاتقۇچ زەربە بولىدىكەن.