مارىي مىللېر خانىم خىتايغا قارشى يېڭى قانۇن لايىھەسىنى قايتا تونۇشتۇردى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2023.02.07

3-فېۋرال كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەردىن بولغان ئەزاسى مارىي مىللېر (Mary Miller) خانىم يېڭىدىن تەشكىللەنگەن 118-نۆۋەتلىك ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆزى تۈزۈپ چىققان «چەتئەللىكلەرنىڭ ئامېرىكا تۇپرىقىنى سېتىۋېلىشىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى» نى يەنە بىر قېتىم تونۇشتۇرۇپ «خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ ساھەدىكى ئەڭ چوڭ تەھدىت» دەپ كۆرسەتتى.

مىللېر خانىم بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «مەن ۋەكىللىك قىلىۋاتقان ئىللىنوي (Illinois) شىتاتىنڭ ئۆزىدىلا چەتئەل شىركەتلىرى سېتىۋالغان تېرىلغۇ يەرلەر 520 مىڭ ئەيكېر (210 مىڭ گېكتار) دىن كۆپ. ئۇلار بۇ يەر ئۈچۈن خەجلىگەن پۇل ئاللىقاچان تۆت مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ كەتتى» دېگەن. شۇنىڭدەك يەر سېتىۋېلىشتا ئامېرىكا پۇقرالىرىنى ئالدى بىلەن ئويلىشىش كېرەكلىكىنى، بۇ خىلدىكى چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا تەۋەسىدە ئۆي ۋە زېمىن سېتىۋېلىشىغا چەك قويمىغاندا يېقىنقى يىللاردا چەتئەل مەبلىغىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كەلكۈندەك ئېقىپ كىرىپ، ئامېرىكا تەۋەسىدە ئۆي ۋە يەر باھاسىنى شىددەت بىلەن ئۆرلىتىۋېتىشىدەك سەلبىي ئاقىۋەتنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. شۇنداقلا خىتاي بىلەن باغلىنىشلىق بولغان شىركەتلەرنىڭ بۇ ساھەدە «بايراقدار» بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

مىللېر خانىمنىڭ قارىشىچە، بۇ ھال قارىماققا ئامېرىكا ئىقتىسادىغا پايدىلىقتەك كۆرۈنسىمۇ ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ بۇنچە زور مەبلەغ سەرپ قىلىپ ئامېرىكا تەۋەسىدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنى سېتىۋېلىشى يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ماھىيەتتە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئىستراتېگىيەلىك ئاجىزلىققا گىرىپتار قىلىدىكەن. مەزكۇر قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر ئەنە شۇ خىلدىكى چەتئەل ھۆكۈمەتلىرى، جۈملىدىن خىتاي كومپارتىيەسى ياكى خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقىسى بولغان شىركەت ۋە شەخسلەرنىڭ ئامېرىكا تەۋەسىدە تېرىلغۇ يەر سېتىۋېلىشىنى مەنئى قىلىدىغان بولۇپ، ئىلگىرى سېتىۋالغان يەرلەرنى پۇل تۆلەپ قايتۇرۇۋالىدىكەن.

مىللېر خانىم 2022-يىلى يانۋاردا مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنى بىر قېتىم تونۇشتۇرغان بولۇپ، بۇ يىل قايتا تونۇشتۇرغانغا قەدەر بولغان بىر يىل ئىچىدىلا خىتاي ھۆكۈمىتى ئاللىقاچان نۇرغۇن يەرلەرنى سېتىۋېلىپ بۇ جايلاردا تېرىقچىلىق قىلىشنى باشلىۋەتكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.