ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە خىتايغا مۇناسىۋەتلىك 28 قانۇن لايىھەسى ماقۇللىغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.09.13

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە خىتاينىڭ BGI ناملىق بىئو-تېخنىكا ۋە DJI ئادەمسىز ئۇچقۇ ئىشلەپچىقىرىش شىركەتلىرىنى چەكلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتايغا مۇناسىۋەتلىك 30 غا يېقىن قانۇن لايىھەسى ماقۇللىغان. بۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تارىخىدا مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان ھادىسە، دەپ قارالماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچى ۋە دېموكراتچىلار پارتىيەسىدىن بولغان پالاتا ئەزالىرى دۆلەت مەجلىسىنىڭ 9-سېنتەبىر كۈنى باشلانغان يازلىق تەتىلدىن كېيىنكى تۇنجى ھەپتىسىدە، قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنىڭ ئاساسى نۇقتىسىنى خىتايغا قاراتقان. «خىتاي ھەپتىسى» دېيىلگەن بۇ بىر ھەپتىدە، ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ خىتايغا تاقابىل تۇرۇشقا دائىر 28 قانۇن لايىھەسى ماقۇللىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. ئىگىلىنىشىچە، ئاۋام پالاتاسى 12-سېنتەبىر كۈنى «خىتاينىڭ ئامېرىكا توكلۇق ئاپتوموبىل ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى» نى ماقۇللىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قانۇن لايىھەلىرى خىتاينىڭ بىئو-تېخنىكا، ئادەمسىز ئۇچقۇ، توكلۇق ئاپتوموبىل باتارېيەسى شىركەتلىرى ۋە خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئامېرىكا دېھقانچىلىق مەيدانلىرىنى سېتىۋېلىشىنى چەكلەش، خوڭكوڭ ھەم تەيۋەنگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن ساھەلەرگە چېتىلغان. بۇ قانۇن لايىھەلىرىنىڭ ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدە DNA بانكىسى قۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىشىغا ھەمكارلىشىش بىلەن ئەيىبلەنگەن BGI، يەنى بېيجىڭ گېن ئىنستىتۇتى ۋە ئۇنىڭ بىر قانچە تارماق شىركىتىنى چەكلەشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى مەلۇم.

«ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋام پالاتاسىنىڭ دېموكراتچىلاردىن بولغان بەزى ئەزالىرى جۇمھۇرىيەتچىلەر كۆپ سانلىقتىكى ئاۋام پالاتاسى ماقۇللىغان بۇ قانۇن لايىھەلىرىنىڭ خىتاينى چەكلەشتە «ئاجىز» ئىكەنلىكى ۋە «ئۈنۈملۈك ئەمەسلىكى» نى، خىتايغا مەبلەغ سېلىش قاتارلىق تەسىرى چوڭ بەزى ھالقىلىق قانۇنلارنىڭ ئاۋازغا قويۇلمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. دېموكراتچىلاردىن بولغان ئاۋام پالاتا ئەزاسى توم سوزى، ئامېرىكانىڭ «پولىتىكو» (سىياسەت) گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە، «‹خىتاي ھەپتىسى›دە ماقۇللانغان نۇرغۇن مەزمۇنلارنىڭ روياپقا چىقىشى» غا گۇمان بىلەن قارايدىغانلىقىنى ئېيتقان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 11-ئايدا پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۆتكۈزۈلگەچكە، بۇ قانۇن لايىھەلىرىنىڭ رەسمىي قانۇنغا ئايلىنىشىغا ئىنتايىن ئاز ۋاقىت قالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.