ئەنگلىيە باش مىنىستىرى سايلىمىغا چۈشىدىغان پارلامېنت ئەزاسى خىتايغا قاتتىق قول بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

ئەنگلىيە باش مىنىستىرى بورىس جونسون ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىغا چىقىش رىقابىتىگە چۈشكەن پارلامېنت ئەزالىرىدىن پېننى موردونت (Penny Mordaunt) بورس جونسوننىڭ خىتايغا «يۇمشاق سىياسەت» قوللانغانلىقىنى ئەيىبلىگەن ۋە ئەگەر ئۆزى باش مىنىستىر بولۇپ قالسا خىتايغا قاتتىق قول دىپلوماتىيە يۈرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

Express گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پېننى موردونت ئەنگلىيە پارلامېنت سايلىمىدا 92 بېلەت بىلەن 2-ئورۇندا تۇرغان. ئەگەر ئۇ بۇ سايلامدا ئۇتۇپ چىقسا، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تامامەن ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «ھازىرقى ھۆكۈمەت خىتايغا بەك يۇمشاق قوللۇق قىلدى، ئىقتىسادىي مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى خەلقئارا بىخەتەرلىك بىلەن كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئۈستىگە قويدى».

پېننى موردونتنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى قەبىھ دەپسەندىچىلىك، خوڭكوڭدىكى باستۇرۇش ۋە تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنۇش قاتارلىقلار خىتاينىڭ خەۋپ-خەتىرىنى ئوچۇق كۆرسىتىدىغان ۋەقەلەر بولۇپ، بۇ ئەھۋالدا خىتاي بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىش مۇمكىن ئەمەس ئىكەن.

پېننى موردونت باش مىنىستېر بولغاندىن كېيىن يەنە ئەنگلىيەنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق جىنايەتلىرىگە باشچىلىق قىلغان ئەمەلدارلىرىغا تېخىمۇ كۆپ جازا يۈرگۈزىدىغانلىقىنى، ئەنگلىيەدىكى شىركەتلەر ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن چېتىشلىقى بولغان خىتاي شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان.